«11-قېتىملىق خەلقئارا ت ر ت ھۆججەتلىك فىلىم كۈنلىرى» ئاخىرلاشتى

تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى- ت ر ت (TRT) تەرىپىدىن ھەۋەسكار ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىگۈچىلەر ۋە كەسپىي ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىگۈچىلەرنى قوللاش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن «11-قېتىملىق خەلقئارا ت ر ت ھۆججەتلىك فىلىم كۈنلىرى» ئاخىرلاشتى.

1192785
«11-قېتىملىق خەلقئارا ت ر ت ھۆججەتلىك فىلىم كۈنلىرى» ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 11-قېتىملىق خەلقئارا ت ر ت ھۆججەتلىك فىلىم كۈنلىرى ئىستانبۇل جەمال رەشىت رەي كونسېرت زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمدا، ئوخشىمىغان كاتېگورىيەلەر بويىچە مۇكاپات تارقىتىلدى.

11-قېتىملىق خەلقئارا ت ر ت ھۆججەتلىك فىلىم كۈنلىرىنىڭ «دۆلەت كەسپىي تۈرى» مۇكاپاتىغا، «يېتىملار مېھمانخانىسى» ناملىق فىلىمنىڭ ئىشگۈچىسى رىدۋان كارامان؛ تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇكاپاتىغا، «چىشچىنىڭ قورقۇنچى» ناملىق فىلىمنىڭ ئىشلىگۈچىسى مۇرات ئەرۈن؛ ئۈچىنچىلىك مۇكاپاتىغا، «چىش ئاغرىسى» ناملىق فىلىمنىڭ ئىشلىگۈچىسى ئۆزەر كەسەمەن لايىق كۆرۈلدى.

خەلقئارالىق كاتېگورىيەدە، دې ئالېسساندرو كاسسىگولى بىلەن كاسېي كائۇفمان «كېپىنەك» ناملىق فىلىمى بىلەن «ئەڭ ياخشى فىلىم مۇكاپاتى» غا؛ جۇست ۋاندېبۇرگ «برۇس لى ۋە قاراقچى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمى بىلەن «تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى» نىڭ مۇكاپاتىغا؛ كرىس مارتىن «ئاخىرقى پەيتتە» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمى بىلەن؛ لۇكى لورېنتزېن «كېچە يېرىمى ئائىلىسى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمى بىلەن ئۈچىنچىلىك مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى.

«دۆلەت ئوقۇغۇچىلار فىلىملىرى كاتېگورىيەسى» دە، ئۇغۇر ئەرسۆز بىلەن نۇسرەت ئوغۇزخان يىلدىز «ئۇچىدىغان ئادەم» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمى بىلەن «ئەڭ ياخشى فىلىم مۇكاپاتى» غا لايىق كۆرۈلدى. تولۇنئاي تەكمەك «قىزغۇچ كىملىك» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمى بىلەن «مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى» نىڭ مۇكاپاتىغا؛ بەررىز ئۆز «بىلەمسەن؟» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمى بىلەن مارمارا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى.

خەلقئارالىق، دۆلەت كەسپىي ۋە ئوقۇغۇچى فىلىملىرى كاتېگورىيەلىرىدىن باشقا، بۇ يىل تېخى پىكىر باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان، فىلىمى ئىشلەنمىگەن ئۈچ لايىھەگە «لايىھە قوللاش مۇسابىقىسى» نامى ئاستىدا مۇكاپات بېرىلدى. بۇ مۇكاپاتلارغا، ئاسۇمان ئەرگۈنەي «ئىسمى ئادىلە» ناملىق لايىھەسى بىلەن، فەيزى باران «نىتسىنىڭ قولياغلىقى» ناملىق لايىھەسى بىلەن، مۇسا ئاق «ئۇزاق» ناملىق لايىھەسى بىلەن ئېرىشتى.

ت ر ت 2009-يىلى باشلىغان «خەلقئارالىق ت ر ت ھۆججەتلىك فىلىم كۈنلىرى» گە، بۇ يىل 101 دۆلەتتىن 1397 خەلقئارالىق كاتېگورىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 605 فىلىم قاتناشتۇرۇلدى. ئوخشىمىغان ئالتە زالدا 80 ھۆججەتلىك فىلىم تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر