ئاراكانلىقلار مېدىيا مائارىپى كۇرسى بۈگۈن باشلاندى

تۈركىيە سىرتىدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر ئورگىنى بىلەن تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (ت ر ت) ھەمكارلىشىپ ئورۇنلاشتۇرغان 15 كۈنلۈك «ئاراكانلىقلار مېدىيا مائارىپى كۇرسى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى بۈگۈن پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلدى.

1189798
ئاراكانلىقلار مېدىيا مائارىپى كۇرسى بۈگۈن باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە سىرتىدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر ئورگىنى بىلەن تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (ت ر ت) ھەمكارلىشىپ ئورۇنلاشتۇرغان 15 كۈنلۈك «ئاراكانلىقلار مېدىيا مائارىپى كۇرسى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى بۈگۈن پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلدى.

مېدىيا ۋە ئىجتىمائىي كۈچلەر ساھەسىدىكى تەجرىبىلىك كىشىلەر تەكلىپ قىلىنغان كۇرسقا 12 پەرقلىق دۆلەتتىن 20 ئاراكانلىق ئىشتىراك قىلدى.

مېدىيا ساھەسىدىكى تەجرىبىلىك مۇتەخەسسىسلەر دەرس بېرىدىغان بۇ كۇرس ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇلدا بولۇپ جەمئىي 15 كۈن داۋاملىشىدۇ.

ئىشتىراكچىلار پىلان دائىرىسىدە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار  ئىدارە – ئورگانلىرىنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ.

تۈركىيە سىرتىدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر ئورگىنى باشلىقى ئابدۇللاھ ئەرەن كۇرسنىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلدى، ئۇ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار يېقىنقى يىللاردا باشتىن كەچۈرگەن ئېغىر كۈنلەرنى تىلغا ئېلىپ، «بىرمانىڭ 50 مىليون نوپۇسى بار. بۇنىڭ 1 مىليونغا يېقىنى ئاراكان مۇسۇلمانلىرى بولۇپ، ئەپسۇسكى پۇقرالىق ھوقۇقلىرىدىن تارتىپ ئەڭ ئاددىي كىشىلىك ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم ياشىماقتا. بۇ مەسىلىنىڭ خەلقئارالىق ئورگانلار ۋە مېدىيادا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈلۈشى لازىم. بىز بىر ئورگان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن نېمىلەرنى قىلالىشىمىز مۇمكىن، دەپ ئويلىغىنىمىزدا، ئاراكان مۇھاجىرلىرى بار. بىر قىسمى ياۋروپا دۆلەتلىرىدە بولۇپ باڭلادېش، پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە سۇداندا، يەنى ئاراكاننىڭ سىرتىدا كۆپ ساندا مۇسۇلماندىن تەشكىل تاپىدۇ. بىز مېدىيا ۋە ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلاردا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاراكانلىق مۇسۇلمانلاردىن جەمئىي 12 پەرقلىق دۆلەتتىن 20 مېدىيا مەنسۇبىنى مېدىيا تەربىيەسى بېرىش ئۈچۈن بۇ يەرگە ئېلىپ كەلدۇق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر