ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرىنىڭ كونگرەسى ئاخىرلاشتى

شىمالىي ئامېرىكا ئىسلام جامائىتى (ICNA) بىلەن مۇسۇلمان ئامېرىكان جەمئىيىتى (MAS) تەرىپىدىن ۋاشىنگتوندا بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسۇلمانلارنىڭ يىللىق كونگرەسى ئاخىرلاشتى.

1188025
ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرىنىڭ كونگرەسى ئاخىرلاشتى
abd musluman.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 19-ئاپرېل (جۈمە) ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى «ۋولتېر ئى. ۋاشىنگتون كونگرە مەركىزى» (Walter E. Washington) دە «ئىنسانلىقنى ياخشىلاش: ئىسلامدىن دەرسلەر» تېمىسىدا باشلانغان ۋە ئۈچ كۈن داۋاملاشقان كونگرەدە، ئامېرىكانىڭ 50 ئىشتاتىدىن كەلگەن ئونمىڭلارچە مۇسۇلمان ئاممىسى بىر يەرگە جەم بولدى.

كونگرەدە، ئىسلام ئۆچمەنلىكى، ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ۋە چەت ئەللىكلەرگە دۈشمەنلىك قىلىش قاتارلىق يېقىنقى ۋاقىتلاردىكى كۈنتەرتىپ مەسىلىلىرى ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى. كونگرەنىڭ ئاخىرقى كۈنىگە توغرا كەلگەن سىرى لانكادىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى ئەيىبلەندى.

ئۈچ كۈن جەريانىدا، كونگرە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتى ۋە يەرمەنكە پىروگراممىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. ئۈچ كۈنلۈك پىروگراممىغا 24 مىڭ كىشى قاتنىشىپ، رېكورت سەۋىيە ياراتتى. 150 دىن ئارتۇق سۆز قىلغۇچى ۋە ئاكادېمىكلارنىڭ، ئىسلام ئۆچمەنلىكى، مائارىپ، ئائىلە، تاراتقۇ قاتارلىق نۇرغۇن ساھە تېمىلىرى بويىچە بەرگەن لېكسىيەلىرى؛ كونگرە مەيدانىدا شىركەتلەر ۋە ھەر قايسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ كۆرگەزمە زاللىرى مېھمانلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. ئامېرىكا دىيانەت مەركىزى (DCA)، تۈرك ئامېرىكان دۆلەت يېتەكلەش كومىتېتى (TASC)، تۇركەن ۋەخپى ۋە زاكات فوندى قاتارلىق تەشكىلاتلار، مېھمانلارغا خىزمەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

1968-يىلى دەسلەپتە ھىندىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەنۇبىي ئاسىيا مۇسۇلمانلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان شىمالىي ئامېرىكا ئىسلام جامائىتى، 1977-يىلى شىمالىي ئامېرىكادىكى مۇسۇلمان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىنى جەم قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك تەشكىلاتقا ئايلاندى. بۈگۈن 1993-يىلى ئامېرىكادىكى مۇسۇلمانلارنى بىر يەرگە جەم قىلىش ۋە ھەر ساھەدە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان مۇسۇلمان ئامېرىكان جەمئىيىتىنىڭ 50 مىڭدىن ئارتۇق ئەزاسى بار.

شىمالىي ئامېرىكا ئىسلام جامائىتى بىلەن مۇسۇلمان ئامېرىكان جەمئىيىتى ھەر يىلى ئىككى پائالىيەت ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ بىرى يىل ئاخىرى چىكاگودا؛ يەنە بىرى، باھار ئېيىنىڭ بېشىدا ئامېرىكانىڭ شەرقىي تەرىپى بولغان ۋاشىنگتون-بالتىمور ئەتراپىدا، كونگرە ۋە يەرمەنكە ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر