دۇنيا ئىنسانىيەت مۇنبىرى ئەمىنە ئەردوغانغا مۇكاپات بەردى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان قىلىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم خىزمەتلىرى سەۋەبىدىن مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلدى.

1185673
دۇنيا ئىنسانىيەت مۇنبىرى ئەمىنە ئەردوغانغا مۇكاپات بەردى
emine erdogan odul3.jpg
emine erdogan odul2.jpg
emine erdogan odul1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا ئىنسانىيەت مۇنبىرى(World Humanitarian Forum) جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغانغا، ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ «يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتى» (Changemaker) بەردى.

ئەمىنە ئەردوغان مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، مەزكۇر مۇكاپاتنى تۈرك خەلقى نامىدا قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ دۇنيادا ئىنسانىي نۇقتىدىن كىرىزىس يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تۈركىيەنىڭ رەسمىي ئىدارە-ئورگانلىرىدىن باشقا، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە قىلىۋاتقان ياردەملىرى نەتىجىسىدە «ئەڭ مەرت دۆلەت» دېيىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ، قىزىلئاي جەمئىيىتى، تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى، تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئىدارىسى قاتارلىق ئىدارىلىرى بىلەن قولى يەتكەن ھەممە جايلاردا ئۈمىد چىرىغىنى پارلاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ تۈركىيە ئۈچۈن ياردەملەرنىڭ ۋىجدانىي ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ: «تۈركىيە ئۈچۈن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى، پەقەت ئالاھىدە ئەھۋاللاردىلا ئەۋەتىلىدىغان ياردەم ساندۇقلىرى ئەمەس. ئۇ پۈتكۈل سىياسىي مەقسەتلەردىن ھالقىغان، دۇنياۋى ئادالەت چەشەنچىسىگە بولغان ئېتىقاد ھېسابلىنىدۇ. ياردەم ئالغان تەرەپنىڭ موھتاجلىقىنى ھەل قىلىدىغان، ئېكسپىلاتاتسىيە مەنتىقىسىدىن يىراق بولغان ۋىجدانىي ھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ ۋە ھەر قاچان كىشىنىڭ شەرىپىنى قوغداشنى ئاساس قىلىدۇ» دېدى.

ئۇ تۈركىيەدە ياشاۋاتقان 4 مىليون مۇساپىرنىڭ بارلىقىنى، تۈركىيەنىڭ سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشى باشلانغان 2011-يىلىدىن تارتىپلا يۇرت-ماكانلىرىدىن قوغلانغان كىشىلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ساھىبخانى بولغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«كۆك يۈزىنى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىدىن تازىلاپ، بالىلارنىڭ لەگلەكلىرىگە ئاچالىساق، ھاياتقا لايىق ئىش قىلغان بولىمىز.»

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، «ئىنسانلىق تېمى» دىكى «دۇنيا بەشتىن چوڭ» دېگەن لەۋھەگە ئىمزا قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر