نوترېدەم كاتېدرالى ئۈچۈن خەلقئارالىق مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ

فىرانسىيە باش مىنىستىرى ئېدۋارد فىلىپ (Edouard Philippe) پارىژدىكى نوترېدەم كاتېدرالى (Notre Dame) دا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە كۆيۈپ كەتكەن مۇنارلاردىن بىرىنى يېڭىدىن ياساش ئۈچۈن خەلقئارالىق بىناكارلىق مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1185264
نوترېدەم كاتېدرالى ئۈچۈن خەلقئارالىق مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە باش مىنىستىرى ئېدۋارد فىلىپ ئېلسىي سارىيىدىكى مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ ياۋروپادا ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلىنىدىغان جايلاردىن بىرى ھېسابلىنىدىغان نوترېدەم كاتېدرالىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە كۆيۈپ كەتكەن مۇنارلاردىن بىرىنى ياساش ئۈچۈن خەلقئارالىق قۇرۇلۇش مۇسابىقىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىكى مەقسەتنىڭ مۇنارنى تارىخقا ئۇيغۇن ھالدا قايتىدىن ياساش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ تارىخىي قۇرۇلۇشنى قايتىدىن سېلىش ئۈچۈن كېلەر ھەپتە ئۆتكۈزۈلىدىغان مىنىستىرلار يىغىنىدا، يېڭى قانۇن لايىھەسىنىڭ سۇنۇلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ نوترېدەم كاتېدرالىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان بەزى يادىكارلىقلارنىڭ لوۋرې مۇزېيىغا قويۇلغانلىقىنى ۋە ئاسىراش خىزمەتلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، پاژارنى خادىملىرىنىڭ جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قويۇپ كاتېدرالغا كەتكەن ئوتنى ئۆچۈرگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئوت ئۆچۈرۈۋېلىنمىغان بولسا، ئاقىۋىتى تېخىمۇ ئېغىر بولاتتى» دېدى.

ئۇ كاتېدرالنىڭ يېڭىدىن ياسىلىشى ئۈچۈن پۇل ئىئانە قىلغان كىشىلەرنىڭ كىرىم بېجىدا ئېتىبار قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كاتېدرالنىڭ يېڭىدىن ياسىلىشى ئۈچۈن يىغىلغان ئىئانەلەرگە مەسئۇل بولغان ستېفان بېرن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھازىرغىچە 900 مىليون ياۋروغا يېقىن ئىئانە يىغىلغانلىقىنى، بۇ ساننىڭ 1 مىليارد ياۋروغا يېتىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر