ھوللىۋۇد چولپىنى تۈرك فىلىمىنى قولاپ ئۇچۇر تارقاتتى

يېڭى زېلاندىيەلىك ھوللىۋۇد چولپىنى ۋە رېژىسسور راسسېل كروۋ تۋىتتېردا 15-مارت (جۈمە) كۈنى تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەن «تۈرك ئىشى دوندۇرما» (Türk İşi Dondurma) فىلىمى توغرىسىدا ئۇچۇر ھەمبەھىرلەپ، قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1166223
ھوللىۋۇد چولپىنى تۈرك فىلىمىنى قولاپ ئۇچۇر تارقاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەسلى يېڭى زېلاندىيەلىك ھوللىۋۇد چولپىنى راسسېل كروۋ چاناققەلئە ئۇرۇشى جەريانىدا، ئاۋستىرالىيەدە ياشىغان ئىككى تۈركنىڭ ئۆز دۆلىتى ئۈچۈن قىلغان كۈرىشى باش تېما قىلىنغان «تۈرك ئىشى دوندۇرما» ناملىق فىلىمنىڭ رېژىسسورى جان ئۇلكاينىڭ ئۇچۇرلىرىنى ھەۋەسكارلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

راسسېل كروۋ ئۇلكاينىڭ «تۈرك ئىشى دوندۇرما فىلىمىنىڭ كۆرۈنۈشلىرى، تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى» سەرلەۋھىلىك ۋىدېئوسىنى ھەمبەھىرلىدى.

تۋىتتېردا 2 مىليون 700 مىڭدىن ئارتۇق ئەگەشكۈچىسى بولغان راسسېل كروۋ 2014-يىلى رېژىسسورلۇق قىلغان «ئاخىرقى ئۈمىد» فىلىمىدە، 1919-يىلى چاناققەلئە ئۇرۇشىدىن كېيىن تۈركىيەگە كەلگەن ۋە گەلىبولۇدا يوقاپ كەتكەن ئۈچ پەرزەنتىنى ئىزدىگەن كونورنىڭ رولىنى ئالغان ئىدى.

«تۈرك ئىشى دوندۇرما» فىلىمى تارىختا يۈز بەرگەن ھەقىقىي ۋەقە باش تېما قىلىنغان بولۇپ، فىلىمنىڭ مۇزىكىسىنى فاھىر ئاتاكئوغلۇ ئىشلىگەن. جانەر كۇرتاران، مارلېن ماسېۋس، ترىستان ئالېكساندېر، جېيمېس فارلېي، ئالما تەرزىچ ۋە كارل ۋورسون قاتارلىقلار رول ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر