تۈرك چاتما تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى دۇنيا مىقىياسىدا زور قىزىقىش پەيدا قىلماقتا

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىغا قاراشلىق ئۇچۇر-ئالاقە باشقارمىسى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور فاھرەتتىن ئالتۇن، تۈرك چاتما تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ دۇنيا مىقىياسىدا زور قىزىقىش پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈرك چاتما تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى دۇنيا مىقىياسىدا زور قىزىقىش پەيدا قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىغا قاراشلىق ئۇچۇر-ئالاقە باشقارمىسى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور فاھرەتتىن ئالتۇن، تۈرك چاتما تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ دۇنيا مىقىياسىدا زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر-ئالاقە باشقارمىسى بىلەن ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر-ئالاقە پاكۇلتىتىنىڭ ھەمكارلىقى ئاستىدا «ئاۋام دىپلوماتىيەسى ۋاستىسى - تۈرك چاتما تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى»ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ قېتىمقى يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدا فاھرەتتىن ئالتۇننىڭ مەكتۇبى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

مەكتۇبىدا ئۇچۇر-ئالاقە باشقارمىسىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئاۋام دىپلوماتىيەسىگە زور ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن فاھرەتتىن ئالتۇن، تۈركىيەنىڭ يۇمشاق كۈچىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىللىرىدىن بىرى بولغان تۈرك چاتما تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ۋە كىنوچىلىق ساھەسىنى تەبىئىي شىرىكلىرى سۈپىتىدە كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئالتۇننىڭ مەكتۇبىدا يەنە مۇنۇلارغا ئورۇن ئاجرىتىلدى: «مەملىكىتىمىزنىڭ تارىخىنى زامانىۋى ئۇسلۇب بىلەن تەسۋىرلەپ كېلىۋاتقان تۈرك چاتما تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىمىز 156 دۆلەتتە تەخمىنەن 500 مىليون كۆرۈرمەن بىلەن دىدارلىشىپ زور ئۇتۇققا ئېرىشتى. تۈرك چاتما تېلېۋىزىيە تىياتىرچىلىق ساھەسى، 350 مىليون دوللارلىق ئېكسپورت ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇ ساھەدە ئامېرىكادىن قالسا ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتتى.»

تۈرك چاتما تېلېۋىزىيە تىياتىرچىلىق ساھەسىنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئېكسپورت ساھەسىگە ئايلانغانلىقىنى، شۇنداقلا باشقا ساھەلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئالتۇننىڭ مەكتۇبىدا مۇنۇ نۇقتىلار تەكىتلەندى: «بۇ تەرەققىياتلارنىڭ تەسىرلىرى بەكرەك ساياھەتچىلىك ساھەسىدە كۆرۈلمەكتە، دۇنياغا تارقالغان چاتما تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىمىز مېدىيانىڭ قۇدرىتى ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ دۇنياغا تونۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينىماقتا. تۈركلەرنىڭ تۇرمۇش شەكلى، ئارزۇ-ئىستەكلىرى ۋە قىممەت قاراشلىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا زور قىزىقىش پەيدا قىلماقتا، تۈرك چاتما تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى قويۇلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى خەلقنىڭ ئىستېمال ئادەتلىرىدىن بىرىگە ئايلىنىپ، ئىجىمائىي تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى.»

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر