6-نۆۋەتلىك خەلقئارا كىتاب يەرمەنكىسى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى

6-نۆۋەتلىك خەلقئارا كىتاب يەرمەنكىسى ئىستانبۇل يېشىل كۆي خەلقئارا يەرمەنكە زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.

6-نۆۋەتلىك خەلقئارا كىتاب يەرمەنكىسى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 6-نۆۋەتلىك خەلقئارا كىتاب يەرمەنكىسى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى.

ئىستانبۇل يېشىلكۆي خەلقئارا يەرمەنكە زالىدا ئېچىلغان  6-نۆۋەتلىك خەلقئارا كىتاب يەرمەنكىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى نامزاتى بىنالى يىلدىرىممۇ ئىشتراك قىلدى.

بۇ قېتىمقى يەرمەنكىگە 300مىڭدىن ئارتۇق كىتابخۇمارنىڭ قاتنىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

يىغىن، لېكسىيە، كىتاب تونۇشتۇرۇش، ئىمزا كۈنلىرى، سۆھبەت، بالىلار پائالىيەتلىرى، ئاسارە ئەتىقىلەرنى باھا تالاشتۇرۇپ سېتىش پائالىيىتى قاتارلىقلار ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ قېتىمقى يەرمەنكىگە نۇرغۇن يازغۇچى، ئوقۇرمەنلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ.

بۇ قېتىمقى يەرمەنكىدە دۇنيانى كېزىپ چىققان داڭلىق فوتو-سۈرەتچى مۇستافا سەۋەننىڭ ئەسەرلىرى ۋە ھالىكارناس بېلىقچى جەۋات شاكىرنىڭ فوتو-سۈرەتلىرىمۇ كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.

بۇ قېتىمقى خەلقئارا كىتاب يەرمەنكىسى 17-مارت ئاخىرلىشىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر