چاملىجا جامەسى ئىبادەتكە ئېچىلدى

ئىستانبۇلنى ئەڭ ئېگىز تۆپىلىكىگە سېلىنغان چاملىجا جامەسى ئىبادەتكە ئېچىۋېتىلدى.

camlica cami1.jpg
camlica cami2.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قۇرۇلۇشى 2013 – يىلى باشلانغان چاملىجا جامەسىدىن تۇنجى ئەزان ساداسى بۈگۈن بامداد نامىزىدا ياڭرىدى.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى نامزاتى بىنالى يىلدىرىممۇ بارغان بامدات نامىزىغا نۇرغۇن ئادەم باردى.

يىلدىرىم بامدات نامىزى بىلەن بىرلىكتە ئىبادەتكە ئېچىۋېتىلەەن چاملىجا جامەسىنىڭ ناھايىتى كاتتا ئەسەر بولغانلىقىنى ئېيتتى.

بىرلا ۋاقىتتا 63 مىڭ ئادەم ئىبادەت قىلالايدىغان شەكىلدە لايىھەلەنگەن چاملىجا جامەسىنىڭ رەسمىي ئېچىلىش مۇراسىمى كېيىنچە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ.

چاملىجا جامەسى ئىبادەت قىلىدىغان جايدىن سىرت 11 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق مۇزېي، 3500 كىۋادرات مېتىرلىق سەنئەت كۆرگەزمە زالى، 3 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق كۇتۇبخانا، مىڭ كىشىلىك يىغىن زالى، 8 سەنئەت سىخى، 3500 ئاپتوموبىل سىغىدىغان يېپىق ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

جامەنىڭ 34 مېتىر چوڭلۇقتىكى گۇمبىرى ئىستانبۇلغا سىمۋوللۇق قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر