ئىسلام دەۋرىگە ئائىت ئارخېئولوگىيەلىك بايقاش

قاتاردا قەدىمكى ئىسلام دەۋرىگە ئائىت ئارخېئولوگىيەلىك ساھە بايقالدى.

1158020
ئىسلام دەۋرىگە ئائىت ئارخېئولوگىيەلىك بايقاش
katar islam-arkeoloji1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار  مۇزېي – مەدەنىيەت يۇرتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «قاتاردىكى لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئاكادېمىيەسىنىڭ ھەمكارلىقىدا دۆلەتنىڭ غەربىدىكى يۇغبى رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيەلىك قېزىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە، قەدىمكى ئىىسلام دەۋرىگە ئائىت ئارخېئولوگىيەلىك ساھە بايقالدى.»

باياناتتا، ساسانىلار سۇلالىسى دەۋرىنىڭ ئاخىرلىرىغا توغرا كېلىدىغان ۋە مىلالىدىدىن كېيىنكى 538 – 670 – يىللىرى بەرپا قىلىنغانلىقى پەرەز قىلىنىۋاتقان ساھەدە،  ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان بىناكارلىق يادىكارلىقلىرىنىڭ، ئەمەۋىلەر سۇلالىسى دەۋرى (مىلادىدىن كېيىنكى 661 – 750 – يىللار) گە  ئائىت ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.  

ساھەدە بايقالغان يادىكارلىقلار ئارىسىدا مىلادىدىن كېيىنكى 7 – ۋە 8 – ئەسىرلەرگە ئائىت  ساپال ۋە فارفۇر قۇرۇلۇش بۇيۇملىرى، قەدىمكى ئىسلام دەۋرىگە ئائىت ئەينەكلەرنىڭ قالدۇقلىرى،  مېتاللار،  تاشتىن ياسالغان قۇتىلار ۋە ئوۋچىلىق سايمانلىرىنىڭ بارلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا، بۇ بايقاشنىڭ،  قاتار مۇزېي – مەدەنىيەت يۇرتلىرى بىلەن قاتاردىكى لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئاكادېمىيەسى ئوتتۇرىسىدا «قىستاڭچىلىققا تولغان چۆل – باياۋان» نامى ئاستىدا بۇنىڭدىن 3 يىل ئىلگىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن لايىھە دائىرىسىدىكى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى داۋامىدا ئوتتۇرىغا چىققانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر