مۇبارەك «ئۈچ ئايلار» ئەتە باشلىنىدۇ
ئىسلام ئالەمى تەرىپىدىن رەھمەت ۋە بەرىكىتى مول ئايلار، دەپ ئېتىقاد قىلىنىدىغان ئۈچ ئايلارنىڭ بىرىنچىسى ئەتە باشلىنىدۇ.
1157793

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسلام دۇنياسىغا نىسبەتەن كۈچلۈك ئەھمىيەتكە ئىگە ئۈچ ئايلارنىڭ بىرىنچىسى بولغان رەجەب ئېيى پەيشەنبە كۈنىنى جۈمەگە تۇتاشتۇرىدىغان كېچە باشلىنىدۇ (بۇ كېچە تۈركىيەدە <رەغائىب قەندىلى> دەپ ئاتىلىدۇ).
دىنىي ئىشلار باشقارمىسى دىن خىزمەتلىرى مۇدىرلىقى، ئۈچ ئايلارنىڭ باشلىنىش كېچىسى مۇناسىۋىتى بىلەن ھەرخىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ.
ئەنقەرەدىكى بەشتەپە مىللەت جامەسى، دىيارباكىردىكى قۇرشۇنلۇ جامەسى، گىرەسۇندىكى سارايبۇرنۇ جامەسى، بۇرسادىكى چوڭ جامە، كونيادىكى ۋەيسىزادە ۋە كاپۇ جامەسى بىلەن ئىستانبۇلدىكى فاتىھ ۋە ئەييۇب سۇلتان جامەلىرىدە قۇرئان كەرىم ۋە مەۋلۇت ئوقۇتىلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

سۈنئىي ئەقىل مال باھاسىغا قانداق تەسر كۆرسىتىدۇ؟
سۈنئىي ئەقىلنىڭ تېز سۈرئەتتە ئومۇملىشىشى مال باھاسىنى چۈشۈرىدۇ، دەپ قارالماقتا.