مالايشىيادىكى ئىككى ئالىي مەكتەپتە تۈركچە ئۆتۈلىدۇ

مالايشىيادىكى باشقۇرۇش ۋە بىلىم ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا تۈركچە دەرس ئۆتۈلىدۇ.

مالايشىيادىكى ئىككى ئالىي مەكتەپتە تۈركچە ئۆتۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يۇنۇس ئەمرە ئىنىستىتۇتىنىڭ تىرىشچانلىق  كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە مالايشىيادىكى ئىككى ئالىي مەكتەپتە تۈركچە دەرس ئۆتۈلىدىغان بولدى.

مالايشىيادىكى باشقۇرۇش ۋە بىلىم ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن يۇنۇس ئەمرە ئىنىستىتۇتىنىڭ كۇئالالۇمپۇر شۆبىسى تەرىپىدىن ئىمزالانغان «تۈركچىنى تاللايمەن»ناملىق كېلىشىم دائىرىسىدە، بۇ ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ  دەرسلىك پىروگراممىسىغا تۈركچە دەرس كىرگۈزۈلدى.

يۇنۇس ئەمرە ئىنىستىتۇتى كۇئالا لۇمپۇر شۆبىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مالايشىيا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ھەپتىدە 2 سائەت تۈركچە دەرس ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسا، مالايشىيا باشقۇرۇش ۋە بىلىم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پاگوھ شەھىرىدىكى تارمىقىدا ھەپتىدە 6 سائەت تۈركچە دەرس ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

مالايشىيادىكى بۇ ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتتىن باشقا، ھازىرغىچە پۇترا مالايشىيا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن مالايشىيا ئىسلام ئىلىملىرى ئۇنىۋېرسىتېتى تارمىقىدىكى پەرماتا ئىنسان تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى ۋە دارۇلنايىم تېخنولوگىيە مەكتىپىنىڭ دەرس پىروگراممىلىرىغا تۈركچە دەرس كىرگۈزۈلگەن.

مالايشىيادىن سىرت تايلاندنىڭ پاتانى رايونىدىكى بىرلەشكەن ئىسلام مەكتىپىدىمۇ تۈركچە دەرس ئۆتۈلمەكتە.

«تۈركچە تاللايمەن»ناملىق كېلىشىم دائىرىسىدە يۇنۇس ئەمرە ئىنىستىتۇتى، مالايشىيا ۋە تايلاندتا جەمئىي 600 ئوقۇغۇچىغا تۈركچە ئۆگەتمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر