بۇ يىل ئىككى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى بېرىلىدۇ

شىۋېتسىيە ئاكادېمىيەسى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، كېچىكتۈرۈلگەن 2018 – يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ 2019 – يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى بىلەن بىرلىكتە بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ يىل ئىككى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى بېرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيە ئاكادېمىيەسىنىڭ ئەزاسى جېين كلاۇد ئارناۇلتنىڭ بىر سەتچىلىككە ئارىلىشىپ قالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەندىن كېيىن، باھالىغۇچىلار ھەيئىتىنىڭ بەزى ئەزالىرى ۋەزىپىلىرىدىن ئىستېپا بەرگەنىدى.

ئاكادېمىيە، بۇ سەتچىلىكتىن كېيىن 2018 – يىلىدىكى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ بېرىلىشىنى كېچىكتۈرگەنىدى.

تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئارناۇلت، 2011 – يىلى ستوكھولمدا بىر ئايالغا جىنسىي زورولۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، 2 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر