تىكا ئافغانىستاندا ئائىلىلەرگە ياردەم تارقاتتى

تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى-تىكا (TİKA) نىڭ ئافغانىستاننىڭ مەزارى شەرىف شەھىرىدىكى ئىشخانىسى، جۈزجان ۋىلايىتىدە پاناھلىنىۋاتقان 1000 ئائىلىگە يېمەك-ئىچمەك ياردىمى قىلدى.

1147280
تىكا ئافغانىستاندا ئائىلىلەرگە ياردەم تارقاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تىكانىڭ مەزارى شەرىفتىكى ئىشخانىسى ئافغانىستاننىڭ جۈزجان ۋىلايىتىدە پاناھلىنىۋاتقان مىڭ ئائىلىگە يېمەك-ئىچمەك ياردىمى قىلىنغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، تىكانىڭ كۈندىلىك ئېھتىياج يېمەك-ئىچمەك پىروگراممىسى رامكىسىدا، فارياب ۋىلايىتىنىڭ قورغان، شىرىنتەگاپ، دەۋلەتئابات، قايسار ناھىيەلىرى بىلەن، سارىپۇل ۋىلايىتىنىڭ كوھىستانات ۋە گۇسفەندى ناھىيەلىرىدىكى ئىچكى توقۇنۇش ۋە تەبىئىي ئاپەت سەۋەبىدىن يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ جۈزجان ۋىلايىتىدە پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولغان مىڭ ئائىلىگە يېمەك-ئىچمەك ياردىمى قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بىلدۈرۈلىشىچە، مەكتەپ ۋە چېدىرلاردا ناچار شارائىت ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ئائىلىلەرگە، ئۇن، گۈرۈچ، ياغ، چاي، شېكەر، شوخلا قىيامى ۋە تۇز سېلىنغان يېمەك-ئىچمەك بولاقلىرى تارقىتىلغان بولۇپ، ياردەمگە ئېرىشكەن ئائىلىلەر تۈركىيە ۋە تۈرك خەلقىگە تەشەككۈر ئېيتقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر