ئەرەبچە «غازى ئەمىر ئەرتۇغرۇل» ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى

ئەرەب دۇنياسىدا چوڭ تەسىر قوزغىغان تۈركىيە كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىملىرى، بۇ رايوندىكى ئوسمانلى تارىخىغا بولغان قىزىقىشنىمۇ ئاشۇردى.

1144548
ئەرەبچە «غازى ئەمىر ئەرتۇغرۇل» ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (ت ر ت) نىڭ «تىرىلىش ئەرتۇغرۇل» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمى ئەرەب دۆلەتلىرىدە كۆرۈش رېكورتى ياراتقاندىن كېيىن، ئەرتۇغرۇل غازىنىڭ ھاياتى ئەرەبچىدە كىتاب قىلىپ نەشر قىلىندى ۋە ئىراقتا ئۆتكۈزۈلگەن 46-قېتىملىق خەلقئارالىق باغداد كىتاب يەرمەنكىسىگە قاتناشتۇرۇلدى.

ئىراق پايتەختى باغدادتا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق كىتاب يەرمەنكىسىنى زىيارەت قىلغىنىڭىزدا «غازى ئەمىر ئەرتۇغرۇل» ناملىق كىتاب كۆزىڭىزگە ئالاھىدە چېلىقىدۇ.

مىسىرلىق يازغۇچى مەنسۇر ئابدۇلھەكىم يازغان كىتابتا، ئەرتۇغرۇل غازىنىڭ ھاياتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلىدۇ. كىتابنىڭ مۇقاۋىسىدا «تىرىلىش ئەرتۇغرۇل» ناملىق قىسىملىق تىلېۋىزىيە فىلىمىنىڭ باش رول ئارتىسى ئەنگىن ئالتان دۈزياتاننىڭ فىلىمدىن ئېلىنغان فوتوگرافلىرىدىن باشقا، ئەرەبچە «ئەرتۇغرۇل» ۋە ئۇنىڭ ئاستىدا «ئوسمانلىقلارنىڭ ئاتىسى»، «ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ دۇنياغا كېلىشى ۋە كېڭىيىشىنىڭ ھېكايىسى» دېگەن ماۋزۇلار بار.  كىتاب مۇقاۋىسىنىڭ ئەڭ ئۈستىدە، تۈركچە يېزىلغان «ئەرتۇغرۇل» دېگەن سۆز بار.

كىتابتا ئەرتۇغرۇل غازىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىرادىسى، جاسارىتى ۋە ئائىلىسى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار، ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ دۇنياغا كېلىشى ھەمدە 600 يىلدىن ئارتۇق تارىخى كەڭ دائىرىدە بايان قىلىنىدۇ.

كىتابتا، «ئەرتۇغرۇل» دېگەن ئىسىمنىڭ مەنىسى ئەرەب ئوقۇرمەنلەرگە «ئەر: يىگىت ۋە ئەسكەر»، «تۇغرۇل: ياۋايى قۇش» دەپ چۈشەندۈرۈلىدۇ.

يازغۇچى كىتابىدا، ئوغۇزلارنىڭ قايى قەبىلىسىدىن كېلىدىغانلىقىنى، دەۋرىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئەرتۇغرۇل غازىدىن تارىخىي جەھەتتىن تەجرىبە-ساۋاق يەكۈنلىيەلەيدىغان ئوبراز ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

«غازى ئەمىر ئەرتۇغرۇل» ناملىق كىتابنى كىتاب يەرمەنكىسىدىن باشقا، مىسىر، ئىراق، لىۋان، ئومان، سەئۇدى ئەرەبىستان، كۈۋەيت، لىۋىيە، ئالجىرىيە، ماراكەش، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەين، پەلەستىن، سۇدان ۋە ئىيوردانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى تارقىتىش مەركەزلىرىدىن سېتىۋالغىلى بولىدۇ.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر