ھىندىستان ئەلچىخانىسى يېمەك-ئىچمەك كۈنلىرى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

ھىندىستاننىڭ ئەنقەرە ئەلچىخانىسى 2-فېۋرالغىچە داۋام قىلىدىغان «ھىندىستان يېمەك-ئىچمەك كۈنلىرى» پائالىيىتىنى باشلىدى.

1135142
ھىندىستان ئەلچىخانىسى يېمەك-ئىچمەك كۈنلىرى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى
hint yemekleri.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاننىڭ ئەنقەرە ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ۋە 2-فېۋرالغىچە داۋاملىشىدىغان «ھىندىستان يېمەك-ئىچمەك كۈنلىرى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى، ئەنقەرەدىكى بىر مېھمانسارايدا ئۆتكۈزۈلدى.

ھىندىستاننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بھاتتاچاريا ساھىبخانلىق قىلغان ۋە ھىندى مەدەنىيىتىگە خاس بولغان ۋېگان ۋە كۆكتات يېمەكلىكلىرى تونىتىلغان پائالىيەتكە، چەت ئەل دىپلوماتلىرى، ئەنقەرەدىكى ھىندى جەمئىيەتلىرىنىڭ ئەزالىرى ۋە باشقا مېھمانلار ئىشتىراك قىلدى.

باش ئەلچى بھاتتاچاريا مۇراسىمدا: «بۈگۈن ناھايىتى ئالاھىدە پائالىيىتىمىز بار، چۈنكى بۈگۈن گەندى تاماق تىزىملىكى بار. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بارلىق يېمەكلىكلەر كۆكتاتلاردىن ئىتىلدى. ماخاتما گەندى ۋېجېتاريان ئىدى» دېدى.

ئۇ پائالىيەتنىڭ باشقا كۈنلىرىدە، مېھمانلارغا ئوخشىمىغان يېمەكلىكلەر بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىلگىنىمىزدەك، ھىندىستان بىلەن تۈركىيەنىڭ ناھايىتى بۇرۇنغا تۇتاشقان مۇناسىۋەتلىرى بار. مىڭلارچە يىل بۇرۇن دورا-دەرمەكلەرنى ئۆزئارا ئالماشتۇراتتۇق. بىر ھەپتە بويىچە بۇ ئەنئەنىلەرنى قايتا جانلاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

ئۇ ئىستانبۇل بىلەن كاپادوكياغا ئوخشاش، ئەنقەرەدىمۇ بىر ھىندى رېستورانىنىڭ بولۇشىنى خالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئەسلىدە تۈركلەرنىڭ ھىندى يېمەك-ئىچمەكلىرىگە قىزىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق نۇقتىلىرى بارلىقىنى، غازىئانتەپ ۋە شانلىئۇرفا قاتارلىق شەھەرلەردە يېمەكلىكلەرگە دورا-دەرمەك سېلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ھىندىستان يېمەك-ئىچمەك كۈنلىرى پائالىيىتى 2-فېۋرالغىچە قەدەم تەشرىپ قىلىشنى خالىغان مېھمانلارنى كۈتۈۋالىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر