فىردەۋس جەننىتىنىڭ ۋارىسى بولايلى! (ئاۋازلىق)

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۈمە خۇتبىلىرى- 52/ 2018

1115576
فىردەۋس جەننىتىنىڭ ۋارىسى بولايلى! (ئاۋازلىق)

 

فىردەۋس جەننىتىنىڭ ۋارىسى بولايلى!

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۈمە خۇتبىلىرى- 52/ 2018

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:

«ئىمان ئېيتقۇچىلار ھەقىقەتەن بەختىيارلىققا ئېرىشتى. ئۇلار (شۇنداق مۆمىنلەركى) نامازلىرىدا (اﷲ نىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن سۈر بېسىپ) ئەيمىنىپ تۇرغۇچىلاردۇر. ئۇلار بىھۇدە سۆز، بىھۇدە ئىش - ھەرىكەتلەردىن يىراق تۇرغۇچىلاردۇر. ئۇلار زاكاتقا ئەمەل قىلغۇچىلاردۇر. ئۇلار ئىپپىتىنى (شەرىمگاھلىرىنى) ساقلايدۇ. پەقەت ئاياللىرىغا ۋە قول ئاستىدىكى چۆرىلىرىگە نىسبەتەن (شەرىمگاھلىرىنى قوغداپ كەتمىسىمۇ) مالامەت قىلىنمايدۇ، ئەمما بۇنىڭ سىرتىدا باشقىچە تەلەپلەردە بولغۇچىلار ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر. ئۇلار ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتلەرگە ۋە بەرگەن ئەھدى ــ پەيمانلارغا رىئايە قىلغۇچىلاردۇر. ئۇلار ئۆز نامازلىرىنى مۇھاپىزەت قىلغۇچىلاردۇر. ئەنە شۇلار ۋارىسلاردۇر. ئۇلار فىردەۋسكە ۋارىسلىق قىلىدۇ، فىردەۋستە مەڭگۈ قالىدۇ.» (سۈرە مۆئمىنۇن؛ 1-11 ئايەتلىرى)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس شەرىپتە مۇنداق دەيدۇ:

«ئى ئاللاھىم! بىزگە نېئمەتلىرىڭنى ئاشۇرغىن، كىمەيتىۋەتمىگىن! بىزنى ئىززەتلىك قىلغىن، زىللەتكە چۈشۈرمىگىن! بىزنى مۇرادىمىزغا يەتكۈزگىن، مەھرۇم قىلمىغىن! بىزنى ئۈستۈن قىلغىن، ئاجىزلاشتۇرمىغىن! بىزنى ئۆزۈڭ رازى بولغانلاردىن ۋە سەندىن مەمنۇن بولغانلاردىن قىلغىن!» (ئىبنى ھەنبەل، تىرمىزى)

ئەزىز قېرىنداشلار! ھەزرەتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بىر كۈنى ساھىبىلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتقان چېغىدا، بىردىنلا ۋەھىي كەلگەنلىكنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بىر ئاز تۇرىۋالغاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىبلىگە بۇرۇلدى ۋە قوللىرىنى ئاچقان ھالدا ئاللاھقا مۇنداق دەپ دۇئا قىلدى:

«ئى ئاللاھىم! بىزگە نېئمەتلىرىڭنى ئاشۇرغىن، كىمەيتىۋەتمىگىن! بىزنى ئىززەتلىك قىلغىن، زىللەتكە چۈشۈرمىگىن! بىزنى مۇرادىمىزغا يەتكۈزگىن، مەھرۇم قىلمىغىن! بىزنى ئۈستۈن قىلغىن، ئاجىزلاشتۇرمىغىن! بىزنى ئۆزۈڭ رازى بولغانلاردىن ۋە سەندىن مەمنۇن بولغانلاردىن قىلغىن!»

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ دۇئانىڭ ئارقىدىن: «سەللا ئىلگىرى ماڭا 10 ئايەت نازىل بولدى. ھەرقانداق كىشى بۇ ئايەتلەردە كۆرسىتىلگەن يوليۇرۇقلارغا ئەمەل قىلسا، جەننەتكە كىرىدۇ» دېدى ۋە مۆئمىنۇن سۈرىسىنىڭ دەسلەپكى 10 ئايىتىنى ئوقۇپ بەردى.  (ئىبنى ھەنبەل، تىرمىزى)

ئەزىز قېرىنداشلار! بۈگۈنكى خۇتبىمىزدە بىزلەرنى فىردەۋس جەننىتىنىڭ ۋارىسىغا ئايلاندۇرىدىغان بۇ 10 ئايەتنى سىلەر بىلەن ھەمبەھىرلەشمەكچىمىز. قېنى ئەمىسە كېلىڭلار! خۇشخەۋەر بېرىلگەن بۇ نىجانلىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىگە ۋە ھەقىقىي مۆئمىنلەرنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا ھەممىمىز بىرلىكتە نەزەر سېلىپ چىقايلى!

«ئىمان ئېيتقۇچىلار ھەقىقەتەن بەختىيارلىققا ئېرىشتى. ئۇلار (شۇنداق مۆمىنلەركى) نامازلىرىدا (اﷲ نىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن سۈر بېسىپ) ئەيمىنىپ تۇرغۇچىلاردۇر.»

يەنى ئۇلار نامازنى ئاللاھنىڭ ۋىسالىغا يېتىدىغان پەيت ۋە ئالاھىدە سىغىنىش بىلەن كۈتۈلىدىغان ئېسىل پۇرسەت، دەپ بىلىدىغانلاردۇر. بۇ ئۇلۇغ ئىبادەتنى شەكىلۋازلىققا ئايلاندۇرۇپ قويمايدىغان ۋە ئۇنىڭ ئەسلى رۇھىنى قەتئىي زايا قىلىۋەتمەيدىغان كىشىلەردۇر.

«ئۇلار بىھۇدە سۆز، بىھۇدە ئىش - ھەرىكەتلەردىن يىراق تۇرغۇچىلاردۇر.» چۈنكى ھايات بىر دەقىقىسىنىمۇ زايا قىلىشقا بولمايدىغان دەرىجىدە قىسقا ۋە قىمەتلىك نېئمەتتۇر. ۋاقىت بىزگە ئامانەت قىلىنغان تەڭداشسىز خەزىنىدۇر. ئاللاھ ھامان بىر كۈنى ھەربىر ئامانەتنىڭ، ھەربىر نېئمەتنىڭ ھېسابىنى تۇلۇق ئالماي قويمايدۇ.

«ئۇلار زاكاتقا ئەمەل قىلغۇچىلاردۇر.»

يەنى بۇ نىجاتلىققا ئېرىشكۈچى مۆئمىنلەر زاكاتىنى بېرىدىغان، سەدىقە – ئىھساندا بولىدىغان، زاكات بېرىشتە گويا ئۆزئارا مۇسابىقىلىشىدىغان كىشىلەردۇر. چۈنكى زاكات مۇھتاج كىشىلەرنىڭ بايلارنىڭ مال – مۈلكىدىكى ھەققىدۇر. زاكات؛ ئىنساننى مال - بايلىق ۋە دەپى - دۇنيانىڭ ئەسىرىگە ئايلىنىپ قىلىشتىن قوغدايدۇ. زاكات؛ بىر تەرەپتىن ئىنساننى ماددى يۈكتىن قۇتقازسا، يەنە بىر تەرەپتىن، گۇناھ كىرلىرىدىن تازىلايدۇ.  

ئەزىز قېرىنداشلار! جەننەت ۋەدە قىلىنغان مۆئمىنلەر «ئىپپىتىنى (شەرىمگاھلىرىنى) ساقلىغۇچىلاردۇر» باشقىلارنىڭ ئىپپىتىنى ئۆزىنىڭ ئىپپىتى دەپ بىلگۈچىلەردۇر. چۈنكى ئىنسان پاك تەبىئىتىنى ۋە سالاھىيىتىنى قوغدايدىغانلا بولسا، ئۆزىنى قوغدىغان بولىدۇ. باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە دەخلى - تەرۈز يەتكۈمگەندىلا ئۆزىمۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ. 

«ئۇلار ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتلەرگە ۋە بەرگەن ئەھدى ــ پەيمانلارغا رىئايە قىلغۇچىلاردۇر.»

چۈنكى سادىق كىشى ۋە ئىشەنچلىك كىشى بولۇش مۆئمىننىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكىدۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ «مۇھەممەدۇل ئەمىن» (يەنى ئىشەنچلىك مۇھەممەد) دەپ نام ئالغان ئىدى. سۆزىنى بىلەن ئۆزى بىر، ئىشەنچلىك بولغان كىشى ھەقىقەتتە پەيغەمبەرلەر يولىنىڭ يولۇچىسىدۇر.

«ئۇلار ئۆز نامازلىرىنى مۇھاپىزەت قىلغۇچىلاردۇر.»

يەنى، نامازلىرى ئۇلارنى يامانلىقنىڭ ئەسىرى بولۇپ قېلىشتىن قۇتقۇزۇپ قالغان كىشىلەردۇر. شۇنىسى بىر ھەقىقەتكى، بىز نامازلىرىمىزنى قوغدايدىغان بولساق، نامازلىرىمىزمۇ بىزنى قوغدايدۇ. بىز نامازلىرىمىزغا قانچىلىك مۇھەببەت ۋە ئىشتىياق باغلىساق، نامازلىرىمىزمۇ پۈتۈن يامانلىقلارغا قارشى بىزگە قالقان بولىدۇ.

ئەزىز قېرىنداشلار! ئاللاھنىڭ كاتتا مۇكاپاتى ئەنە شۇنداق مائمىنلەرگە خاستۇر. «ئەنە شۇلار ۋارىسلاردۇر. ئۇلار فىردەۋسكە ۋارىسلىق قىلىدۇ ۋە فىردەۋستە مەڭگۈ قالىدۇ»

فىردەۋس جەننەتلەرنىڭ ئەڭ ئالىيسى ۋە يۇقىرى مەرتىۋىسىدۇر. فىردەۋس جەننىتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات قىلغاندىن كېيىن، يۈرەك پارىسى فاتىمە رەزىياللاھا ئەنھانىڭ ھەر دائىم: «فىردەۋس جەننىتىدە تۇرىدىغان دادام» دېگەن سۆزلەر بىلەن قەلبىگە تەسەللى بولغان جايدۇر.  

ئەزىز قېرىنداشلار! ئۇلۇغ رەببىمىز بىرلەزنى نىجاتىلققا ئېرىشىدىغان ۋە فىردەۋس جەننىتىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قوشنا بولىدىغان بەختىيار مۆئمىنلەردىن قىلسۇن، ئامىن!

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر