ئامېرىكا ئالەم پونكىتىغا ناۋىگتسىيە سۇنئىي ھەمراھى قويۇپ بەردى

ئامېرىكا ئالەم كېمىسى ۋە راكېتا شىركىتى سپېيس ئىكس (SpaceX) خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا تۇنجى قېتىم ناۋىگاتسىيە سۇنئىي ھەمراھى توشۇغان بىر راكېتا قويۇپ بەردى.

1112394
ئامېرىكا ئالەم پونكىتىغا ناۋىگتسىيە سۇنئىي ھەمراھى قويۇپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى ئۈچۈن «GPS III» سۇنئىي ھەمراھى توشۇغان «Falcon 9» راكېتاسى، تەخمىنەن بىر ھەپتە كېچىككەندىن كېيىن، تۈنۈگۈن (23-دېكابىر) ئەتىگەندە فلورىدادىكى «Cape Canaveral» ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن قويۇپ بېرىلدى.

تەخمىنەن 500 مىليون دوللار قىممىتىدىكى ھەربىي سۇنئىي ھەمراھ ئامېرىكانىڭ خەلقئارالىق ئالەم پونكىتىغا «دۆلەت خەۋپسىزلىكى ساھەسى بويىچە ئەۋەتكەن تۇنجى سۇنئىي ھەمراھى» بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر