تىكا كولومبىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن كۆچمەنلەر فېستىۋالىدا تۈركىيەنىڭ خىزمەتلىرىنى تونۇتتى

تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى – تىكا، كولومبىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا كۆچمەنلەر فېستىۋالىدا تۈركىيەنىڭ بۇ ساھەدىكى خىزمەتلىرىنى تونۇتتى.

1110645
تىكا كولومبىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن كۆچمەنلەر فېستىۋالىدا تۈركىيەنىڭ خىزمەتلىرىنى تونۇتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا كۆچمەنلەر ھەپتىسى پائالىيەتلىرى پايتەخت بوگوتادا، بوگوتا شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى. تىكا تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتقا قارىغاندا، فېستىۋالغا تۈركىيە، بۇ دۆلەتتىكى تىكا پىلانى كوردىناتسىيە ئىشلىرى خادىملىرى ۋە تەشكىلات تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۈرك تىلى ۋە كۈلتۈرى پىروگراممىسىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى بىلەن ۋەكىللىك قىلدى.

فېستىۋالدا، ئىشتىراكچىلار تۈركىيەنىڭ كۆچمەنلەرگە قىلغان خەلقئارالىق ياردەملىرى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەندى. باياناتتا، تۈركىيەنىڭ بوگوتادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چىلنىڭ «دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئورگىنى بولغان تىكا، جەنۇبىي ئافرىقىدا ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆچمەنلەر ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرى بىلەن ئۈلگە بولماقتا» دېگەن ئىبارىلىرىگە ئورۇن بېرىلدى.

فېستىۋالغا ئاۋسترالىيە، ئېكۋاتور، بولىۋىيە ۋە بىرازىلىيەنىڭ ئەلچىخانا ۋە ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خادىملىرىنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر