ئامېرىكىدىكى بىر كۇتۇبخانىغا تۈركچە كىتابلار قويۇلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ماساچۇسېت ئىشتاتىغا قاراشلىق لېگزىڭتون شەھىرىدىكى تارىخىي كاري مېمورىيال كۇتۇبخانىسى«تۈركچە بولۇڭى» ئاچتى.

1106692
ئامېرىكىدىكى بىر كۇتۇبخانىغا تۈركچە كىتابلار قويۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ماساچۇسېت ئىشتاتىغا قاراشلىق لېگزىڭتون شەھىرىدىكى تارىخىي كاري مېمورىيال كۇتۇبخانىسىدا «تۈركچە بولۇڭى» دېگەن نامدا بىر بۆلۈم ئېچىلىپ، تۈركلەر تەرىپىدىن ھەدىيە قىلىنغان كىتابلار قويۇلدى.

لېگزىڭتون شەھىرىدە ياشايدىغان تۈرك ئوقۇتقۇچى سائادەت روچنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە رايوندىكى تۈركلەرنىڭ ئىئانلىرى سايىسىدا كاري مېمورىيال كۇتۇبخانىسىنىڭ «تۈركچە بولۇڭى» بۆلۈمى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلگەن بولدى.

ئېچىلىش مۇراسىمىغا تۈركىيەنىڭ بوستوندا تۇرۇشلۇق باش كونسولى جەيلان ئۆزەن ئەرىشەن، كۇتۇبخانا مەسئۇللىرى، تۈركلەر ۋە رايون ئاھالىسى ئىشتىراك قىلدى.

سائادەت روچ، بۇ پىكىرنىڭ تۇنجى قېتىم 23 – ئاپرېلدا ئەقلىگە كەلگەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن كۇتۇبخانا مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

كىشىلەرنىڭ پىداكارلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىپ، كىتابلىرىنى ئىئانە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن سائادەت روچ، بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇساپىدىمۇ كىتابلارنىڭ سانىنى ئاشۇرۇشنى، كۇتۇبخانىدا تۈركچە پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشنى، تۈرك ئۆسمۈر – ياشلارغا تۈركىيەنى تونىتىدىغان ھېكايىلەرنى ئاڭلىتىشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر