يىلدىرىم چىنگىز ئايتماتوۋنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى بىنالى يىلدىرىم، قىرغىزىستاندا داڭلىق يازغۇچى چىنگىز ئايتماتوۋنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلدى.

1102178
يىلدىرىم چىنگىز ئايتماتوۋنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى بىنالى يىلدىرىم، ئاتا-بەيت خاتىرە قەبرىستانلىقىدىكى قىرغىزلارنىڭ چاررۇسىيەگە قارشى قوزغىلىڭىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا بېغىشلاپ سېلىنغان خاتىرە تېشىغا، ستالىن ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قەتل قىلىنغان قىرغىز زىيالىيلار ۋە ئايتماتوۋنىڭ قەبرىسىگە گۈلچەمبىرەك قويدى.

ئايتماتوۋنىڭ قەبرىسى بېشىدا قۇرئان كەرىم تىڭشىغان بىنالى يىلدىرىم ۋە ھەمراھلىقىدىكىلەر دۇئا قىلدى.

زىيارەتتە بىنالى يىلدىرىمغا قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مىرلان باكىروۋ، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى مۇئاۋىن باشلىقى جەلال ئادان، تۈركىيە – قىرغىزىستان پارلامېنتلار ئارا دوستلۇق گۇرۇپپىسى باشلىقى سابرى ئۆزتۈرك، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى قارس پارلامېنت ئەزاسى ئاھمەت ئارسلان، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى ئەنقەرە پارلامېنت ئەزاسى گامزە تاشجىئەر، ئىيى پارتىيە سامسۇن پارلامېنت ئەزاسى بەدرى ياشار ۋە باشقىلار ھەمراھ بولدى.

باش مىنىستىر مۇھەممەد كالىي ئابىلگازىيېۋ بىلەنمۇ كۆرۈشكەن بىنالى يىلدىرىم، قىرغىزىستان باش مىنىستىرىدىن دۆلىتىدىكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى مەكتەپلىرىنى تاقىۋېتىشىنى تەلەپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر