دېڭىز يۈزىنىڭ سەۋىيەسى يەتتە مېتىر ئۆرلىشى مۇمكىن

گرونلەندتە چوڭ مۇز قاتلاملىرىنىڭ داۋاملىق ئېرىشى سەۋەبىدىن دېڭىز يۈزى سەۋىيەسىنىڭ يەتتە مېتىرغىچە ئۆرلەش مۇمكىنلىكى بايقالدى.

1102293
دېڭىز يۈزىنىڭ سەۋىيەسى يەتتە مېتىر ئۆرلىشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ بوستون شەھىرىگە جايلاشقان «ۋۇدىس خول ئوشىنوگرافى» ئىنىستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى، گروندلەنتىكى مۇز قاتلاملىرىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا سېلىشتۇرغاندا %33 كۆپ ئېرىگەنلىكىنى بايقىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر ئىنىستىتۇتنىڭ تەتقىقاتچىسى سارا داس گرونلەندتىكى مۇز قاتلاملىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە ۋە بۇرۇن ھېچقاچان كۆرۈلۈپ باقمىغان شەكىلدە ئىزچىل ئېرىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

تەتقىقات نەتىجىلىرى گروندلەندتىكى چوڭ مۇز قاتلاملىرى بۇ سۈرئەتتە ئېرىگەن تەقدىردە دېڭىز يۈزى سەۋىيەسىنىڭ يەتتە مېتىرغىچە ئۆرلەيدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

يەر شارىنىڭ ساھىللارغا ئەڭ يېقىن نۇقتىسىغا جايلاشقان 10 چوڭ شەھەردىن سەككىزىنىڭ، دېڭىز يۈزى سەۋىيەسىنىڭ ئۆرلىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

ئىنىستىتۇتنىڭ نەتىجىلىرى «تەبىئەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر