«پايتەخت ئابدۇلھەمىد» نىڭ باش رول ئارتىسى ئەرەب دۇنياسىدىكى ھەۋەسكارلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى- ت ر ت (TRT) نىڭ دۇنيادا ياقتۇرۇپ كۆرۈشكە سازاۋەر بولغان «پايتەخت ئابدۇلھەمىد» تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا، سۇلتان 2-ئابدۇلھەمىدنىڭ رولىنى ئالغان بۈلەنت ئىنال، قاتاردا ھەۋەسكارلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

1097950
«پايتەخت ئابدۇلھەمىد» نىڭ باش رول ئارتىسى ئەرەب دۇنياسىدىكى ھەۋەسكارلىرى بىلەن كۆرۈشتى
bulent inal.jpg
bulent inal.jpg
bulent inal.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ت ر ت نىڭ «پايتەخت ئابدۇلھەمىد» ناملىق تېلېۋىزيە تىياتىرىدا 2-ئابدۇلھەمىدنىڭ رولىنى ئالغان بۈلەنت ئىنال «ئاژيال فىلىم فېستىۋالى» غا قاتنىشىش ئۈچۈن قاتار پايتەختى دوھا شەھىرىگە باردى. ئۇ دوھادىكى بىر تۈرك رېستورانىدا ھەۋەسكارلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

ئەرەب دۇنياسىدا ياقتۇرۇپ كۆرۈلۈۋاتقان «پايتەخت ئابدۇلھەمىد» تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ باش رول ئارتىسى، كۆرۈشۈش ئۈچۈن كەلگەن ھەۋەسكارلىرى بىلەن فوتوگرافقا چۈشتى.

دوھا فىلىم ئىدارىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن تۈنۈگۈن (29-نويابىر) باشلانغان ئاژيال فىلىم فېستىۋالى، دۈشەنبە (1-دېكابىر) كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.

ت ر ت نىڭ كۆرۈلۈش رېكورتىنى بۇزغان «تىرىلىش ئەرتۇغرۇل» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا ئەرتۇغرۇل بەگنىڭ رولىنى ئالغان ئەنگىن ئالتانمۇ تۈنۈگۈن (29-نويابىر) فېستىۋالدا ھەۋەسكارلىرى بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر