كائىناتتا قۇياشقا ئوخشايدىغان بىر يۇلتۇز بايقالدى

پورتۇگالىيەلىك ئاسترونومىيە ئالىملىرى «قۇياش ئائىلىسى» نى تېپىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرىدا، قۇياشقا ئوخشايدىغان بىر يۇلتۇزنى بايقىدى.

1091965
كائىناتتا قۇياشقا ئوخشايدىغان بىر يۇلتۇز بايقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پورتۇگالىيەدىكى ئاسترو فىزىكا ۋە ئالەم بىلىملىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ خەلقئارالىق خادىملىرى «قۇياشنىڭ ئائىلىسى» نى تېپىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرىدا، ياۋروپا ئالەم ئاگېنتلىقى (ESA) نىڭ ئاپپاراتى ئارقىلىق سامانيولىدىكى تەخمىنەن 17 مىڭ يۇلتۇزنىڭ خىمىيەلىك تەركىبى، ھەرىكەتلىرى ۋە يېشىنى تەكشۈرگەن.

ئاسترونومىيە ئالىملىرى تەتقىقات نەتىجىلىرى سايىسىدا، يېشىنىڭ 4.5 مىليارد يىل ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنغان ۋە قۇياشقا «قوش كېزەك قېرىندىشى» دەك ئوخشايدىغان «HD186302» ناملىق يۇلتۇزنى بايقىغان. يېڭى بايقالغان يۇلتۇزنىڭ يەر شارىغا 184 نۇر يىلى يىراقلىقتا ئىكەنلىكى ھېسابلانغان.

مەزكۇر تەتقىقاتنىڭ قۇياش ۋە باشقا يۇلتۇزلارنىڭ شەكىللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەر نۇقتىسىدىن مۇھىم ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئالىملارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى «ئاسترونومىيە ۋە ئاسترو فىزىكا» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر