ئەنگلىيەنىڭ تۇنجى مۇسۇلمان ئايال مىنىستىرى «تىرىلىش ئەرتۇغرۇل»غا «خۇمار»بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى

ئەنگلىيەنىڭ تۇنجى مۇسۇلمان ئايال مىنىستىرى ۋە ئىنگىلىز «كېنەزەكلەر»ئۇيۇشمىسى ئەزاسى سەيىدە ۋارسى «تىرىلىش ئەرتۇغرۇل»غا «خۇمار»بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

1064229
ئەنگلىيەنىڭ تۇنجى مۇسۇلمان ئايال مىنىستىرى «تىرىلىش ئەرتۇغرۇل»غا «خۇمار»بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە مىقىياسىدا كۆرۈلۈش نىسبىتى جەھەتتە رېكورت ياراتقان تۈركىيە-رادىيو تېلېۋىزىيە ئىدارىسى- ت ر ت نىڭ «تىرىلىش ئەرتۇغرۇل»ناملىق چاتما تېلېۋىزىيە تىياتىرى دۇنيا مىقىياسىدىمۇ دىققەت قوزغىماقتا.

ئەنگلىيەنىڭ تۇنجى مۇسۇلمان ئايال مىنىستىرى ۋە ئىنگىلىز «كېنەزەكلەر»ئۇيۇشمىسى ئەزاسى سەيىدە ۋارسى «تىرىلىش ئەرتۇغرۇل» توغرۇلۇق ئۇچۇر يازدى.

سەيىدە ۋارىسى تۋىتتېر ئادرېسىدا «تىرىلىش ئەرتۇغرۇل»ناملىق چاتما تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا «خۇمار»بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋارىسىنىڭ بۇ ئۇچۇرىغا ت ر ت باش مۇدىرى ئىبراھىم ئەرەن جاۋاب قايتۇردى.

باش مۇدىر ئىبراھىم ئەرەن ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا مىنىستىر سەيىدە ۋارىسىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنۇ مەزمۇندا ئۇچۇر يازدى: «بىر ئىشنى باشلاپ  قويدىڭىزمۇ ئۆزىنى توختىتىۋالالمايسىز، <تىرىلىش ئەرتۇغرۇل>نىڭ بۇ پەسىلدىكى يېڭى قىسمى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا باشلىنىدۇ. 600 يىللىق مەدەنىيەتنىڭ ئۇلىنىڭ سېلىنىشىنى ۋە ئاتىسى ئەرتۇغرۇلنىڭ ئوغلى ئوسماننى جىسمانىي ۋە ئەقلىي جەھەتتىن يېتىشتۈرۈشىنى ئېكرانلاردا كۆرۈسىز، قەھرىمانلىق ھېكايەلىرى بىلەن تولغان ۋە بىزنى ئۆزىگە تېخىمۇ خۇمار قىلىپ قويىدىغان يېڭى قىسىملىرىنى كۆرۈشكە تەييار بولۇڭ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر