«چاغداش يىپەك يولى ئورتاق ساياھەت لايىھەسى تەرەققىياتنىڭ ۋاستىسىدۇر»

تۈركىي تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر بىرلىكى (تۈرك كېڭىشى)باش كاتىپى باغداد ئامرېيېۋ چاغداش يىپەك يولى ئورتاق ساياھەت لايىھەسىنىڭ تەرەققىياتنىڭ ۋاستىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1051670
«چاغداش يىپەك يولى ئورتاق ساياھەت لايىھەسى تەرەققىياتنىڭ ۋاستىسىدۇر»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىي تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر بىرلىكى (تۈرك كېڭىشى)باش كاتىپى باغداد ئامرېيېۋ، چاغداش يىپەك يولى ئورتاق ساياھەت لايىھەسىنىڭ ساياھەتچىلىك ساھەسىدە تاشلانغان قەدەم بولۇپلا قالماستىن، تەرەققىيات لايىھەسى ۋە ئۆز-ئارا تەجرىبە ئورتاقلىشىشتا مۇھىم ۋاستە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئامرېيېۋ قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا «بىرلىك يولىدا»ناملىق يىپەك يولى دۆلەتلىرى خەلقئارا ساياھەتچىلىك مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، تۈرك كېڭىشىنىڭ چاغداش يىپەك يولى ئورتاق ساياھەت لايىھەسىنىڭ تۈرك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ساياھەتچىلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەشكىلاتقا تەۋە دۆلەتلەرنىڭ پىرېزىدېنتلىرىنىڭ مەزكۇر ساياھەت لايىھەسىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشتا ئالاقىدار ئورۇنلارغا يوليۇرۇق بەرگەنلىكلىرىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن ئامرېيېۋ، مەزكۇر لايىھەنى تېخىمۇ جەلپ قىلارلىق ھالەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تۈرك ھاۋا يوللىرى (ئاۋىئاتسىيە)شىركىتى بىلەن ئاستانا ھاۋا يوللىرى (ئاۋىئاتسىيە)شىركىتىنىڭ قوللىشىغا ئېھتىياج بارلىقىنى ئېيتتى.

ئامرېيېۋ مۇنداق دېدى: «چاغداش يىپەك يولى ساياھەت لايىھەسى نوقۇل ساياھەتچىلىك ساھەسىدە تاشلانغان قەدەم بولۇپلا قالماستىن تەرەققىيات لايىھەسى ۋە ئۆز-ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇشتا مۇھىم ۋاستىدۇر.»

قازاقىستان مەملىكەتلىك ساياھەت شىركىتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇنبەرگە تۈركىيە، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، رۇسىيە، خىتاي، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، رۇمىنىيە ۋە ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن نۇرغۇن ساياھەت مۇتەخەسىسى ۋە مېھمان ئىشتىراك قىلدى.

ساياھەتچىلىك مۇلازىمەتلىرىنى بازارغا سېلىش، ئىنتېرنېت ئارقىلىق ساياھەت مۇلازىمەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش، ساياھەتچى ۋە ئاۋىئاتسىيە تىرانسپورتى، ساياھەتچىلىك ۋە قاتناش ساھىلىلىرىغا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىش ۋە يىپەك يولى دۆلەتلىرى ئارىسىدا ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان تور شەكىللەندۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەر كېڭەش قىلىنىدىغان مۇنبەر ئەتە ئاخىرلىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر