قىزىلئاي جەمئىيىتى ئىدلىب بىلەن لازقىيەگە قىلىۋاتقان ياردەملىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە يېقىنقى بىر ئايدا سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋە لازقىيە رايونىغا 145 ئاپتوموبىل يېمەك-ئىچمەك، مەدەنىيەت بۇيۇملىرى، نان، دورا ۋە كىيىم-كېچەك قاتارلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى يەتكۈزدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك قىزىلئاي جەمئىيىتى چېگرا ياردەملىرى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خاقان سارى سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش باشلانغان 2011-يىلدىن بۇيان سۈرىيە خەلقىنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنىئېيتتى.
ئۇ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى دائىرىسىدە، ئىدلىب بىلەن لازقىيەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى ئىزچىل يەتكۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «ئىدارىمىز ھەر قايسى خەيرسۆيەرلەرنىڭ قوللىشى ئاستىدا، ئىدلىب بىلەن لازقىيەدىكى تۈركمەن تېغىغا، جەبەل ئەكراد رايونىغا 30 كۈندە جەمئىي 145 يۈك ئاپتوموبىل ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزدى. بۇنىڭ ئىچىدە 960 مىڭ نان، 150 توننا يېمەك-ئىچمەك، 28 توننا سۇ، 145 مىڭ يۈرۈش كىيىم-كېچەك، 305 مىڭ قۇتا دورا ۋە ھەر خىل تىببىي مالزىمىلەر، 900 توننا ئۇن، 2400 دانە مەدەنىيەت بۇيۇملىرى، 1800 يۈرۈش تازىلىق بۇيۇملىرى بار» دېدى.
ئۇ رايوندىكى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە داۋاملىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى يەتكۈزىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە قوشۇمچە قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ھاراق ئىچىش چاچ چۈشۈش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ
ھاراق ئىچىشنىڭ ئەرلەردە چاچ چۈشۈشنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقى بايقالدى.