پەقەت توغرا نىشاننى/نۇقتىئىينەزەرنى بەلگىلەشنىڭ ئۆزىلا كۇپايە قىلامدۇ؟

كۈندىلىك ھاياتنى شەكىللەندۈرىدىغىنى، ئەمەلىيەتتىن خالىي پىكىر – تەپەككۇرلار ئەمەس، بىزنىڭ بۇ ھەقتە تاشلىغان ئىجابىي قەدەملىرىمىزدۇر.

1039483
پەقەت توغرا نىشاننى/نۇقتىئىينەزەرنى بەلگىلەشنىڭ ئۆزىلا كۇپايە قىلامدۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئالدىنقى ماقالىلىرىمىزدە غەربنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە بىز كۆزگە چېلىقتۇرۇۋاتقان ھادىسىلەرگە، ئاتالغۇلارغا، مەسىلىلەرگە ئەسلا مەغلۇبىيەت پىسخولوگىيەسىگە تەسلىم بولماستىن، بىز ئىگە بولغان قىممەت ئۆلچەملىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك دەستۇرلىرى دائىرىسىدە، ئانالىز تەرىقىسىدە، سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ ئۆتكەنىدۇق.

ئۇنداقتا، توغرا نىشان، توغرا نۇقتىئىينەزەرنى بەلگىلەشنىڭ ئۆزىلا يېتەرلىكمۇ؟ پەقەت توغرا قاراشقا تايىنىپلا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرىمىزنى ھەل قىلغىلى بولامدۇ؟

توغرا نىشان، توغرا نۇقتىئىينەزەر، توغرا قاراش شەك – شۈبھىسىز ھالدا ھەر تۈرلۈك مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىدا، مەقسەتكە يېتىشتە بەلكى ئەڭ ئاساسلىق ئامىلدۇر. چۈنكى، بىز كېتىۋاتقان يۆنىلىش خاتا بولسا، قانچىلىق توغرا ئىشلارنى قىلساق قىلايلى، توغرا نىشانغا يېتەلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس.

يەنە بىر تەرەپتىن، خاتا نىشان قانچىلىك ئېغىر مەسىلە بولسا، نىشانىنى بىلمەسلىكمۇ شۇنچىلىك ئېغىر مەسىلىدۇر. دەرۋەقە، بارىدىغان يۆنىلىشىنى بىلمەيدىغان كېمىگە شامال ياردەم قىلالمايدۇ. شۇ ۋەجىدىن، بىز كۈندىلىك ھاياتتا دۇچ كېلىۋاتقان بارلىق باسقۇچلار، ھادىسىلەرنىڭ ئالدىدا، ئالدى بىلەن توغرا نىشاننى بەلگىلەشكە، توغرا قاراشقا ئىگە بولۇش لازىملىقىغا ئالاقىدار تالاش – تارتىشلار بىھۇدە ئاۋارىچىلىقتۇر.

 لېكىن، ھېچقانداق ئىش قىلماي، پەقەت توغرا نىشاننى بەلگىلەشنىڭ ئۆزىلا كۇپايە قىلامدۇ؟ بۇ ھەقتە توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى كۆپ ھاللاردا پەقەت پىكرىي تالاش – تارتىشلار، ئىلمىي بايلىقلارلا يېتەرلىك، دەپ قارىلىدۇ. مېھنەت قىلىشقا ئۈندىمەيدىغان قەھۋەخانىلارنىڭ بۇلۇڭ – پۇچقاقلىرىدا، كىچىك گۇرۇپپىلار ھالىتىدىكى ئىلمىي تالاش – تارتىشلارغا ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. ئىسلام دۇنياسى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى پەقەت توغرا تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىقلا ھەل قىلىشقا بولامدۇ؟ پىكىر - تەپەككۇر ئارقىلىق بىرەر نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولامدۇ؟

پىكىر – تەپەككۇرلار ئەلۋەتتە قىممەتلىكتۇر، مۇھىمدۇر. ئۇزاق مەزگىلدە ئىنسانىيەت تارىخىنى ئۆزگەرتكەن ئامىل پىكىر – تەپەككۇرلاردۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ پىكىر – تەپەككۇرلار ھەرىكەتكە ئۆتمىگەن ۋە نەزەرىيە پېتىلا قالغان پىكىر – تەپەككۇرلار ئەمەس، ئەكسىچە، ئەمەلىيەتتە تەتبىقلانغان پىكىر – تەپەككۇرلاردۇر. كۈندىلىك ھاياتنى شەكىللەندۈرىدىغىنى، ئەمەلىيەتتىن خالىي پىكىر – تەپەككۇرلار ئەمەس، بىزنىڭ بۇ ھەقتە تاشلىغان ئىجابىي قەدەملىرىمىزدۇر.

توغرا نىشاننى بەلگىلەپ، توغرا نۇقتىئىينەزەرگە ئىگە بولساقمۇ، بۇ نىشانغا يېتەلەيدىغان تىرىشچانلىقىمىز بولمىسا، نىشانىمىز ئۆزىمىزدىن باشلاپ ئەتراپىمىزدا ۋە بىز ياشاۋاتقان مۇھىتلاردا ھېچقانداق نەرسىنى ئۆزگەرتەلمىسە، ئۇنداقتا، پەقەت نىشان بىلەنلا نېمىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ؟

ئادەتتىن تاشقىرى مۇكەممەل نىشانىمىز بولسىمۇ، ئەمما قىلىمىزنى تەۋرىتىپ قويمىساق، ھەرىكەتكە ئۆتمەي داۋاملىق ئۇخلىساق، مەقسەتكە يەتكىلى بولمايدۇ. شۇ ۋەجىدىن، پەقەت ئىلمىي تالاش – تارتىشلار بىلەن، ئەمەلىيەتتىن خالىي پىكىر – تەپەككۇرلار بىلەن، ھەرىكەتنى كەمسىتىدىغان قاراشلار بىلەن بىرەر ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيمىزغۇ! دەپ ئويلىساق، ئۆزىمىزنى ئالداشتىن باشقا ھېچ نەرسىنى قولغا كەلتۈرەلمەيمىز.

يەنە بىر تەرەپتىن، كۈندىلىك ھاياتتىن خالىي، پەقەت پىل چىشىدىن ياسالغان راۋاقلاردا ياشاش بىلەن، ياكى ئۈستى يېپىق بۇلۇڭ – پۇچقاقلاردا ئولتۇرۇش بىلەن قانچىلىك دەرىجىدە توغرا نىشاننى بەلگىلى بولار؟ بۇمۇ ئايرىم بىر تالاش – تارتىش تېمىسىدۇر. ئەمەلىيەتتىن، ھايات تەجرىبىسىدىن خالىي ھالدا، پىل چىشىدىن ياسالغان راۋاقلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر – تەپەككۇرلار كۆپ ھاللاردا زىياننىمۇ بىللە ئېلىپ كېلىدۇ.

تولىمۇ ئەپسۇسكى، تارىخ ھايات تەجرىبىسىدىن خالىي ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇنداق پىكىر – تەپەككۇرلار كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانلار بىلەن تولۇپ تاشقاندۇر. ھاياتنى توختىتىپ، ھاياتتىن خالىي ھالدا، ھاياتنىڭ ھەر ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ۋە بىر قېتىمدىلا بەلگىلىنىدىغان نىشان ۋە نۇقتىئىينەزەر قورقۇنۇچلۇق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

شۇ ۋەجىدىن، توغرا نىشاننى بەلگىلەش، ياكى توغرا نۇقتىئىينەزەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن ھايات تەجرىبىسىگە تايىنىشقا، كۈندىلىك ھاياتقا چوڭقۇر چۆكۈشكە توغرا كېلىدۇ.

ئىسلام دىنىنىڭ مەيدانغا كېلىشىمۇ ئەنە شۇنداقتۇر. دەرۋەقە، ئىسلام دىنى بىر قېتىمدىلا ۋە سەلبىي بىر شەكىلدە ئەمەس، ئەكسىچە، زامانغا يېيىلغان ھالدا ھەمدە كۆپ ھاللاردا ئەمەلىي ھادىسىلەر بىلەن باغلىنىشلىق بىر شەكىلدە تامامەن كۈندىلىك ھاياتنىڭ ئىچىدە مەيدانغا كېلىش باسقۇچىنى تاماملىغان.

نۆۋەتتە تۇتۇشقا تېگىشلىك پوزىتسىيە، قىلىشقا تېگىشلىك ئىش، مېڭىشقا تېگىشلىك يول مەسىلىسىدە، قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ناھايىتى چوڭ ئېنىقسىزلىق ئىچىدە ئەمەسمىز. چۈنكى، ئاساسلىق دەستۇرلار ئوچۇق – ئاشكارىدۇر.

بۈگۈنكى كۈندە بىز دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ مەسىلىلەردىن بىرى، توغرا نۇقتىئىينەزەرلىرىمىزگە ماس كەلمەيدىغان، سۆزلىرىمىزگە زىت بولغان ھەرىكەتلىرىمىزدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۆزلىرىمىز تەقەززا قىلىۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، ئەمەلىيەتسىزلىكىمىز ۋە ھەرىكەتسىزلىكىمىزدۇر. ئېيتقانلىرىمىز بىلەن پائالىيەتلىرىمىزنىڭ بىر - بىرىگە ماس كەلمەسلىكىدۇر.

ھالبۇكى، ھايات ئىمان ۋە  كۈرەشتۇر.  كۈرەش دېمەك، ھەرىكەتكە ئۆتۈش، ئەمەل قىلىش، غەيرەت كۆرسىتىش ۋە  مۇجادىلە قىلىش دېمەكتۇر.  بۈگۈنكى كۈندە جىھاد كۈرەشنىڭ بىرى تۈرى سۈپىتىدە نادىر ئېھتىياج تۇيۇلىدىغان بىر ئەھۋالدۇر. شۇنداقتىمۇ، كۈندىلىك ھاياتىمىزدا نېما قىلساق قىلايلى، تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن  كۈرەش قىلىشىمىزغا، تېخىمۇ گۈزەلگە، پىرىنسىپلىق ھاياتقا، توغرىغا ۋە تېخىمۇ ياخشىغا ئېرىشىشىمىز ئۈچۈن  كۈرەش قىلىشىمىزغا، مېھنەت قىلىشىمىزغا، غەيرەت كۆرسىتىشىمىزگە، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.

باشقىچە ئېيتقاندا، ياخشى بولغاننى، مۇھىم بولغاننى ئېيتىپ قويۇش بىلەنلا ئىش پۈتمەيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر ساھەدە كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە  كۈرەش قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

تەكرار باشتا سورىغان سوئالغا قايتىدىغان بولساق، شەك – شۈبھىسىز ھالدا توغرا نىشاننى، توغرا نۇقتىئىينەزەرنى بەلگىلەش ھەر تۈرلۈك نىشانغا يېتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر. چۈنكى، خاتا نىشان، خاتا نۇقتىئىينەزەر بىزنى نىشانىمىزدىن يىراقلاشتۇرۇپ، ھالاكەت گىردابىغا ئىتتىرىدۇ. نىشاننى خاتا بەلگىلىگەندە، نىيەت قانچىلىك ياخشى بولسا بولسۇن، ئەڭ گۈزەل نىيەتلەرنى، ياكى ئەڭ گۈزەل تۇيغۇلارنى ۋەيران قىلىشى مۇمكىن. لېكىن، نىشاننى ياكى نۇقتىئىينەزەرنى توغرا بەلگىلەشنىڭ ئۆزىلا بىزنى نىجاتلىققا ئېرىشتۈرەلمەيدۇ.

بىز، «نىشان بىر قېتىم بەلگىلەنسىلا، ئۇ بىزنى ئاخىرقى مەنزىلگاھىمىزغا يەتكۈزىدۇ» دەپ ئويلايمىز. ھالبۇكى، ياخشى بىر نىشان ئۆز ئالدىغىلا بىزنى ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرەلمەيدۇ. چۈنكى ياخشى بىر نىشان پەقەت ياخشى بىر باشلانغۇچتۇر، خالاس. ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرىدىغىنى بولسا، نىشاننى توغرا بەلگىلەش ۋە نىشانغا يېتىشتە مۇھىم رول ئوينايدىغان نۇقتىئىينەزەرگە ئىگە بولغان ھالدا تاشلانغان قەدەملەر ۋە بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەردۇر.

ئۇنداقتا، بۈگۈنكى كۈندە توغرا نۇقتىئىينەزەرگە ماس كەلمەيدىغان، ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا تولۇقلاشقا تېگىشلىك كەمچىلىكلىرىمىز زادى قايسى؟ ئۆزىمىزنىڭ خاتالىقلىرىنى كۆرمەي، كۆپ ھاللاردا ھەقلىق بولساقمۇ، پەقەت پۈتۈن دىققىتىمىزنى باشقىلارنىڭ خاتالىقلىرىغىلا مەركەزلەشتۈرۈش بىلەن مەسىلىلىرىمىزنى ھەل قىلغىلى بولامدۇ؟ قوپۇپ بىر شام ياقمىساق، قاراڭغۇلۇقنى تەنقىد قىلىپ قويۇش بىلەنلا ئەتراپنى يورۇتقىلى بولامدۇ؟ بۇلارمۇ باشقا بىر ماقالىنىڭ تېمىسى بولسۇن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر