تىكانىڭ پىدائىيلىرى سومالى دوختۇرخانىلىرىدا خىزمەت قىلدى

تۈرك ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى-تىكا (TİKA) نىڭ پىدائىي ئوقۇغۇچىلىرى سومالىدىكى دوختۇرخانىلاردا ئىشلەپ، بىمارلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولدى.

1026851
تىكانىڭ پىدائىيلىرى سومالى دوختۇرخانىلىرىدا خىزمەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش پىروگراممىسى» دائىرىسىدە، كۆپىنچىسى سەھىيە بىلىملىرىدە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن پىدائىي گۇرۇپپا، سومالىدىكى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دوختۇرخانىسى بىلەن كېيسانېي دوختۇرخانىسىدا تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىشتا بولۇپ، بىمارلارغا دىئاگىنوز قويدى.

پىدائىي گۇرۇپپا ئالدى بىلەن رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى مۇستافا چوپۇرنىڭ لېكسىيەسىنى ئاڭلىدى، ئارقىدىن دوختۇرخانىدا تەكشۈرۈشتە بولۇپ، تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلىدى. جىددىي قۇتقۇزۇش، ئۇرولوگىيە، ئوپېراتسىيە بۆلۈملىرىدىكى دوختۇرلارنىڭ ھەمراھلىقىدا كېسەللەرنى تەتقىق قىلىپ، بىمارلارغا دىئاگىنوز قويدى ۋە ئۇلارنىڭ كېسەل ئەھۋالىغا قۇلاق سالدى.

پايتەخت مۇقدىشۇغا جايلاشقان 100 كارۋاتلىق كېيسانېي دوختۇرخانىسىنىمۇ زىيارەت قىلغان پىدائىي گۇرۇپپا، تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دوختۇرخانىسى بىلەن سومالى دوختۇرخانىلىرىنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى.

تۈركىيەدىكى ئوخشىمىغان ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ، ئافرىقا، ئاسىيا، بالقان رايونى ۋە ئوتتۇرا شەرق قاتارلىق تىكا پائالىيەت قىلىۋاتقان كەڭ جۇغراپىيەگە جايلاشقان دۆلەتلەردىكى ياشلار بىلەن ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پىروگرامما، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۆلەتلەر ئارىسىدا دوستلۇق مۇناسىۋىتى قۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

«2018-يىللىق ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش پىروگراممىسى» دائىرىسىدە 8-سېنتەبىرگىچە 30 دۆلەتكە بارىدىغان تەخمىنەن 500 ئوقۇغۇچى، بۇ دۆلەتلەردىكى تۈركىيە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىدۇ، 100 گە يېقىن لايىھە ۋە پائالىيەتكە قاتنىشىدۇ.

ئۇنىۋېرستېت ئوقۇغۇچىلىرى تىكا پىروگراممىسىنىڭ ۋەسىلەسى بىلەن، نىگېرىيە. ئالبانىيە، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا، بۇركىنا فاسو، ئالجىرىيە، جىبۇتى، چاد، ماراكەش، گانا، گىرۇزىيە، كامېرون، قاراتاغ، قازاقىستان، كېنىيە، كولومبىيە، لىۋان، ماكېدونىيە، موزامبىك، نامبىيە، ئۆزبېكستان، رۇمېنىيە، سېنېگال، سېربىيە، سومالى، سۇدان، تانزانىيە، تۇنىس، ئىيوردانىيە، مولدوۋا ۋە جەنۇبىي ئافرىقانى زىيارەت قىلىدۇ.       



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر