كاپادوكيادا دۇنيادا تەڭدىشى يوق مۇزېيى ياسىلىدۇ

تۈركىيەنىڭ مۇھىم ساياھەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان كاپادوكيا رايونى دۇنيادا تەڭدىشى يوق قىيا تاشلاردىن ئويۇپ ياسالغان يەر ئاستى مۇزېيىغا ئىگە بولىدۇ.

1026963
كاپادوكيادا دۇنيادا تەڭدىشى يوق مۇزېيى ياسىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋانوس ناھىيەسى ئەتراپىدا «پەرىباجالىرى» ئارىسىدا خىزمەت سۇنىدىغان «كاپادوكيا مۇزېيى»، بۇنىڭدىن بىر قانچە مىليون يىل ئىلگىرى ئەرجىيەس، ھاسان تېغى ۋە گۈللۈ تېغىدىن ئېتىلىپ چىققان لاۋالاردىن شەكىللەنگەن قىيا تاشلار ئويۇلۇپ ياسىلىدۇ.

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ كۆتۈرۈگە بېرىشى بىلەن 2018-يىلى يانۋار ئېيىدىن باشلاپ قۇرۇلۇشى باشلانغان مۇزېي، زىيارەتچىلىرىگە ئاستىدىكى تەبىئىي مەنزىرەسىنىڭ گۈزەللىكىنى نامايان قىلىدۇ ۋە ئانادولۇنىڭ ئۆتمۈشىنى يورۇتىدۇ.

ئۈستىدە ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەر ئۆسىدىغان تەبىئىي مۇھىتى بولىدىغان، 50 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق ئوچۇق كۆرگەزمە مەيدانى ۋە 7 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق ئۈستى يېپىق كۆرگەزمە سالونىغا ئىگە مۇزېيىدا، 1500 كىۋادرات مېتىرلىق كۆرگەزمە زالىدىن باشقا، كۆپ ئىقتىدارلىق يىغىن زالى، ھۆججەتلىك فىلىم ئۆيلىرى، بالىلارنىڭ ئويۇنچۇق ئويناش ئۆيلىرى ۋە تەتقىقات مەركەزلىرى بولىدۇ.

نەۋشەھىر مۇزېيىخانا مۇدىرى ۋە ياۋروپا يىلنىڭ مۇزېيى مۇكاپاتلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى ۋەكىلى مۇرات گۈلياز، مۇزېيىنىڭ تەبىئىي مەنزىرەسى، پەرىباجالىرى (پەرى تۇرخۇنلىرى) بىلەن قاپلانغان ۋادىلىرى، يەر ئاستى شەھەرلىرى، مەدەنىيەت ۋە دىنىي مىراسلىرى بىلەن تەبىئەت ۋە مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكىدە مۇھىم يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە كاپادوكياغا مەنىۋى بايلىق قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇزېيىنىڭ ھەر خىل ئەسلىھەلەر بىلەن قىيا تاشلارنى ئويۇش ئىشلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مۇزېيىنىڭ تۈركىيەدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق، دۇنيادىكى ساناقلىق مۇزېيىلار ئارىسىدىن ئورۇن ئالىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر