ت ر ت ۋورلد 15-ئىيۇل توغرىسىدا كىتاب نەشر قىلدى

ت ر ت ۋورلد قانىلى 2016-يىلى يۈز بەرگەن 15-ئىيۇل ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشى توغرىسىدا تۆت تىلدا كىتاب نەشر قىلىپ تارقاتتى.

1009810
ت ر ت ۋورلد 15-ئىيۇل توغرىسىدا كىتاب نەشر قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 2016-يىلى 15-ئىيۇلدىكى مۇۋەپەقىيەتسىز ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى دىنامىكلىرى تەھلىل قىلىنغان " History and Memory: TRT World in the Face of July 15 Coup" ناملىق كىتاب، 15-ئىيۇلنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا تۈركچە، ئىنگلىزچە، ئەرەبچە ۋە نېمىسچە تىللىرىدا نەشر قىلىندى.

ت ر ت ۋورلد (TRT World) تارمىقىدىكى ت ر ت ۋورلد تەتقىقات مەركىزىي (TRT World Research Centre) تەرىپىدىن ئۆتكەن يىلى تەييارلانغان ۋە داڭلىق تارىخچى ھالىل بەركتاي تەھرىرلىك قىلغان مەزكۇر كىتاب، ئىككى بۆلۈم قىلىپ نەشر قىلىندى.

كىتابنىڭ بىرىنچى بۆلۈمىدە، 15-ئىيۇلدىن بۇرۇن يۈز بەرگەن ۋەقەلەر، 15-ئىيۇلدىكى ئاچقۇچلۇق كىشىلەر ۋە ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ ئالدىنى ئالغان كىشىلەر، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ يىللاردىن بېرى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلىرىغا مەخپىي ھالدا قانداق ئورۇشلاشقانلىقى، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشىغا قانداق قوماندانلىق قىلغانلىقى تەھلىل قىلىنىدۇ.

ئىككىنچى بۆلۈمىدە، 15-ئىيۇل كېچىسى يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ۋە ئەتىسى ئەتىگەندە ت ر ت ۋورلد قانىلى خىزمەتچىلىرى گۇۋاھ بولغان ھەمدە باشتىن كەچۈرگەن ۋەقەلەر بايان قىلىنىدۇ.

كىتابقا 15-ئىيۇلغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن فوتوگرافلارمۇ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ 15-ئىيۇلنى دۇنياغا چۈشەندۈرگەن ۋە كۆپ تىلدا نەشر قىلىنغان كەڭ دائىرەلىك كىتاب ھېسابلىنىدۇ.

ت ر ت ۋورلد تەتقىقات مەركىزىي كىتابنىڭ كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە يەتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن نەشر قىلىنغان بارلىق تىللاردا ئىنتېرنېت بېتىدىمۇ تارقاتقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر