نىگېرىيەدىكى يېتىم بالىلارغا ھېيتلىق تارقىتىلدى

تۈركىيەدىن ئەۋەتىلگەن ياردەملەر غەربىي ئافرىقاغا جايلاشقان نىگېرىيەنىڭ پايتەختى ئابۇجادىكى 70 يېتىم بالىغا تارقىتىپ بېرىلدى.

988357
نىگېرىيەدىكى يېتىم بالىلارغا ھېيتلىق تارقىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دارۇل ئەكرام ۋەخپىسىنىڭ باشلىقى يۇنۇس ئەمرە ئاقيول پايتەخت ئابۇجادا 70 يېتىم بالىغا ھېيتلىق تارقىتىپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ: "رامىزان ئېيىدا نىگېرىيەلىك يېتىم ئوقۇغۇچىلارغا ھېيتلىق تارقاتتۇق، تۈركىيەدىن ئەۋەتىلگەن ياردەملەر ئارىسىدا كىيىم-كېچەك ۋە ئاياغلار بار" دېدى.

ئۇ رامىزان ئېيى بويىچە 200 ئائىلىگە يېمەك-ئىچمەك تارقاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە: "بۇ ياردەملەردىن باشقا، رامىزان ئېيىدا تەخمىنەن مىڭ كىشىلىك ئىپتار بەردۇق، 10 قۇدۇق قازدۇق" دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر