جۇستىنىئانۇس كۆۋرۈكى، ب د ت دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىردى

ساكاريانىڭ تارىخىي يادىكارلىقلىرىنىڭ بىرى بولغان جۇستىنىئانۇس كۆۋرۈكى، ب د ت مائارىپ، ئىلىم – پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا مىراسلىرى مۇۋەققەت تىزىملىكىگە كىردى.

985389
جۇستىنىئانۇس كۆۋرۈكى، ب د ت دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدىن 78 يادىكارلىقنىڭ ئىسمى كىرگۈزۈلگەن ب د ت مائارىپ، ئىلىم – پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا مىراسلىرى مۇۋەققەت تىزىملىكىگە جۇستىنىئانۇس كۆۋرۈكىنىڭمۇ كىرگۈزۈلۈشى ئۈچۈن ئۇزۇن مەزگىل تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەن سەردىۋان شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى يۇسۇف ئالەمدار، «بۇ ھەشەمەتلىك قۇرۇلۇشنى ئۆزىگە لايىق قىممەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن بىر تەرەپتىن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولساق، يەنە بىر تەرەپتىن 1500 يىللىق تارىخىي سەپەرنىڭ ھېكايىسىنى ھۆججەتلىك فىلىم قىلىپ ئىشلەپ، بۇ يەردىكى مەنىۋى قىممەتنى دۇنياۋى تىلدا بايان قىلىشقا تىرىشتۇق. كۆپلىگەن تارىخىي ۋەقەلەرگە گۇۋاھ بولغان جۇستىنىئانۇس كۆۋرۈكىنى قايتىدىن ئىنسانىيەتكە بېغىشلاپ، كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزغا يەتكۈزۈشىنى خالايمىز. بۇنىڭ باسقۇچلىرىنىڭ بىرى بولغان مۇۋەققەت تىزىملىككە كىرىش ئارقىلىق نىشانىمىزغا يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشقان بولدۇق» دېدى.

ئالەمدار، كۆۋرۈكنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مىراسى، دەپ قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇشىدىن پەۋقۇلئاددە خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر