بۈگۈن «مىراج كېچىسى» خاتىرىلىنىدۇ

ئىسلام دۇنياسىدا «ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا يۈكسىلىش ۋە پاكلىنىش» دەپ ئاتىلىدىغان «مىراج كېچىسى» بۈگۈن تۈرلۈك دىنىي پائالىيەتلەر ئارقىلىق خاتىرىلىنىدۇ.

950743
بۈگۈن «مىراج كېچىسى» خاتىرىلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئىسلام مەپكۇرىسىغا ئاساسلانغاندا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام «مىراج كېچىسى» جانابىي ئاللاھنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ رەھبەرلىكىدە مەسجىدى ھەرەمدىن مەسجىدى ئەقساغا، ئۇ يەردىن ئاسمانغا، روھىي ئالەملەرگە ۋە ئىلاھىي ھۇزۇرغا يۈكسەلگەن.

ئاللاھ تائالا  «مىراج كېچىسى»   پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئىنسانناڭ ياشاش ھەققى، شان – شەرىپى ۋە ئىززەت – ھۆرمىتىنى قوغداش،  جەمئىيەتنىڭ ھۇزۇرى ۋە ئامانلىقىنى ساقلاش نىشان قىلىنغان 12 ئەمرنى ۋەھىي قىلغان.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، دىنىي ئىشلار ئىدارىسى دىنىي پائالىيەتلەر باش ئىدارىسى  تەرىپىدىن«مىراج كېچىسى» نى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدىكەن، بۇ دائىرىدە، تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى جامەلەر ۋە مەسجىدلەردە قۇرئان كەرىم ۋە مەۋلۇت ئوقۇتۇلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر