ئوسكار مۇكاپاتلىرى لوس ئانژېلىستا تارقىتىلدى

90-قېتىملىق ئوسكار مۇكاپاتلىرىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا «The Shape of Water » فىلىمى «ئەڭ ياخشى فىلىم» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

923171
ئوسكار مۇكاپاتلىرى لوس ئانژېلىستا تارقىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ لوس ئانژېلىس شەھىرىدىكى دولبى تىياتىرخانىسىدا، جىممى كىممېلنىڭ قىزىقارلىق رىياسەتچىلىكىدە 90-قېتىملىق ئوسكار مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمدا، «The Shape of Water » فىلىمىنىڭ رېژىسسورى گۇيللېرمو دېلتورو ئەڭ ياخشى رېژىسسور مۇكاپاتىغا، «Darkest Hour» فىلىمىنىڭ باش ئەر قەھرىمانى گارى ئولدمەن «ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس» مۇكاپاتىغا، «Three Billboards Outside Ebbing, Missouri» فىلىمىنىڭ ئايال باش قەھرىمانى فرانسىس م ك دورمەند «ئەڭ ياخشى ئايال ئارتىس» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر