ئانادولۇدىكى ئەڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە «قۇرئان كەرىم» زىيارەتچىلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىماقتا

توكات مۇزېيىدا كۆرگەزمىگە قويۇلغان 8 ئەسىرلىك تارىخقا ئىگە قوليازما «قۇرئان كەرىم» زىيارەتچىلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىماقتا.

907241
ئانادولۇدىكى ئەڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە «قۇرئان كەرىم» زىيارەتچىلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: توكات ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت – ساياھەت ئىشلىرى ئىدارىسى مۇدىرى ئادەم چاكىر بايانات بېرىپ، مۇزېيلىرىدا كۆپلىگەن مەدەنىيەتلەرگە مەنسۇپ تارىخىي يادىكارلىقلارنىڭ كۆرگەزمىگە قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇزېيدىكى يادىكارلىقلار ئارىسىدا تولىمۇ ئۆزگىچە بىر «قۇرئان كەرىم» نىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتكەن چاكىر، «بۇ <قۇرئان كەرىم> نىڭ 2010 – يىلى سېتىۋېلىش يولى ئارقىلىق مۇزېيغا قويۇلدى. كونيادا ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. بۇ خىزمەت بىر يىل داۋاملاشتى.» دېدى.

قوليازما قۇرئان كەرىمنىڭ 2011 – يىلىدىن بۇيان توكات مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىنىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان چاكىر، «بۇ قۇرئان، ئانادولۇ مۇزېيلىرىدىكى ئەڭ كونا يازما ئەسەر. مۇزېيلىرىمىزدا بۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە يازما قۇرئان كەرىم يوق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈركلەرنىڭ 1071 – يىلىدىن باشلاپ ئانادولۇنى ماكان تۇتۇشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن چاكىر، «توكات ۋە ئۇنىڭ ئەتراپى، مۇسۇلمان تۈركلەر ئولتۇراقلاشقان دەسلەپكى يەرلەرنىڭ بىرى. توكاتنىڭ نىكسار ناھىيەسى تۇنجى مەدرەسە قۇرۇلغان جاي. بۇ قۇرئان كەرىم توكاتتا ئوتتۇرىغا چىقتى. قۇرئان كەرىمنىڭ 1190 – يىلى كۆچۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. نادىر بىر ئەسەر» دېدى ۋە مەملىكەت مىقياسىدىكى كۆپلىگەن مۇزېيلارنىڭ قۇرئان كەرىمنى كۆرگەزمە قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، بۇنىڭدىن ئىپتىخارلىنىدىغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر