ئىبراھىم ئەرەن: ت ر ت دۇنياغا پىروگرامما تارقىتىۋاتىدۇ

ت ر ت (تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى) باش مۇدىرى ئىبراھىم ئەرەن ت ر ت نىڭ تۈركىيەدىن باشقا، پۈتكۈل دۇنياغا پىروگرامما تارقىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

901248
ئىبراھىم ئەرەن: ت ر ت دۇنياغا پىروگرامما تارقىتىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ت ر ت نىڭ 1968-يىلى 31-يانۋار تېلېۋىزىيە پىروگرامما تارقىتىشنى باشلىغانلىقىنىڭ 50-يىللىقى ئىستانبۇلدا ئالاھىدە تەبرىكلەندى. تەبرىكلەش پائالىيىتىگە، مۇئاۋىن باش مىنىستىر بەكىر بوزتاغ، قاتناش مىنىستىرى ئەھمەت ئارسلان ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر قاتناشتى.

مۇئاۋىن باش مىنىستىر بەكىر بوزتاغ ت ر ت نىڭ تارىخى بويىچە بىر مەكتەپكە ئوخشاش رول ئوينىغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ: «ھەممىمىز تەنتەربىيە بولسۇن ياكى ئەدەبىيات-سەنئەت قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردىكى مۇۋەپپەقىيەت ھېكايىلىرىنى ت ر ت ئارقىلىق بىلدۇق، ت ر ت نۇرغۇن تۇنجى <ئەڭ> لەرنى مىللىتىمىزگە بىلدۈردى» دېدى.

پائالىيەتتە قاتناش مىنىستىرى ئەھمەت ئارسلانمۇ سۆز قىلدى. ئۇ: «دۇنيانىڭ قايسى يېرىگە بارمايلى، تۈركىيە ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى بىلەلەيدىغان، دۇنيا ۋە تۈركىيە ھەققىدە خەۋەردار بولالايدىغان، ئاخباراتچىلىق ئېڭى ۋە سۈپەتلىك پىروگراممىلار بار» دېدى.

ت ر ت باش مۇدىرى ئىبراھىم ئەرەن سۆزىدە، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ «زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى» دە مۇۋەپپەقىيەت، شېھىتلارغا رەھمەت، يېقىن-يورۇقلارغا سەۋر، غازىلارغا شىپالىق تىلىدى. ئۇ: «بۈگۈن ت ر ت 17 ئوخشىمىغان سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق 41 تىلدا كۆرۈرمەن ۋە ئاڭلىغۇچىلىرىغا خىزمەت سۇنۇۋاتىدۇ، 14 تېلېۋىزىيە ۋە 14 رادىيو قانىلى ئارقىلىق تۈركىيە، شۇنداقلا پۈتكۈل دۇنياغا پىروگرامما تارقىتىۋاتىدۇ» دېدى.

ئىبراھىم ئەرەن ت ر ت نىڭ ئاخباراتچىلىق سىياسىتىنىڭ مەركىزىدە ھەر دائىم ئىنسان ھېكايلىرىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، پىروگراممىلىرىدا رېكورت يارىتىش ئەندىشەلىرىنىڭ يوقلۇقىنى؛ مىللىي مەنىۋى بايلىقلار ۋە ئورتاق ۋىجدانغا ئەھمىيەت بېرىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

 ئۇ 9-فېۋرال باشلىنىدىغان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ۋە 2020-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ت ر ت ئېكرانلىرىدىن تارقىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەبرىكلەش كېچىلىكى تۈركىيەنىڭ تۇنجى تېلېۋىزور دىكتورى نۇران ئەمرەننىڭ سۆز قىلىشى بىلەن باشلاندى. ت ر ت خور ئۆمىكى بىرىنچى بولۇپ نومۇر كۆرسەتتى. ت ر ت نىڭ تېلېۋىزىيە پىروگرامما تارقىتىشىنىڭ 50 يىللىقىنى خۇلاسىلىگەن تونۇشتۇرۇش فىلىمى كۆرسىتىلدى، ت ر ت ھۆججەتلىك فىلىملىرىنىڭ تەرەققىيات جەريانى چۈشەندۈرۈلدى.

پائالىيەتتە، ئەرخان گۈلەريۈز ت ر ت ئۈچۈن تەييارلىغان «50-يىل» ناخشىسىنى ئوقۇدى، كومىدىيە ئارتىسى ياۋۇز سەچكىن بەش يىل بۇرۇن ۋاپات بولغان ژۇرنالىست مەھمەت ئەلى بىراندنى تەقلىد قىلىپ، 50 يىلنى خۇلاسىلىگەن خەۋەرلەرنى ئوقۇدى.

ت ر ت نىڭ ئەڭ پېشقەدەم رىياسەتچىلىرىدىن ئورخان ئايخان تېلېۋىزىيە ئېكرانلىرىدا باشتىن كەچۈرگەنلىرىنى مېھمانلار بىلەن ئورتاقلاشتى، ئارتىس مەھمەت چەۋىك «ت ر ت چوجۇك خور ئۆمىكى» بىلەن بىرلىكتە نومۇر كۆرسەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر