ترامپ قونچاق فىلىمىنىڭ باش پىرسوناژىغا ئايلاندى
شوۋتايم قانىلى (Showtime) پىرېزىدېنت دونالد ترامپ، ئائىلىسى ۋە يېقىن تونۇش-بىلىشلىرى باش تېما قىلىنغان قىسىملىق قونچاق فىلىمىنى تونۇشتۇردى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شوۋتايم قانىلى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنى باش تېما قىلغان «بىزنىڭ كارتون پىرېزىدېنتىمىز» ناملىق قونچاق فىلىمىنى تونۇشتۇرۇلغان بىر ۋىدېئونى تارقاتتى.
بىلدۈرۈلىشىچە، مەزكۇر قونچاق فىلىمى 10 قىسىم بولۇپ، پىرېزىدېنت ترامپ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى، مەسلىھەتچىلىرى ھەمدە يېقىن تونۇش-بىلىشلىرى باش تېما قىلىنغان ئىكەن. فىلىم 11-فېۋرال تارقىتىلشقا باشلىنىدىكەن.
قونچاق فىلىمىدە، ترامپ بىلەن تاراتقۇلار ئارىسىدىكى جېدەل-ماجرالار مەسخىرە قىلىنىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

شەنتوپ رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى.

ئوكتاي رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى
مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى.