«دۇنيادىكى بارلىق تانكىلارنى ھېچكىم كۆرمەيدىغان جايغا يوشۇرۇپ قويغۇم بار»

«ئايلا» فىلىمىنىڭ كورېيەلىك ئۆسمۈر ئارتىسى كىم سېئۇل ، «ئۇرۇش چىقماسلىقى ئۈچۈن، دۇنيادىكى بارلىق تانكىلارنى ھېچكىم كۆرمەيدىغان بىر يەرگە يوشۇرۇپ قويۇشنى خالايمەن» دېدى.

853601
«دۇنيادىكى بارلىق تانكىلارنى ھېچكىم كۆرمەيدىغان جايغا يوشۇرۇپ قويغۇم بار»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوسكار مۇكاپاتىغا «چەت تىلدىكى ئەڭ ياخشى فىلىم» كاتېگورىيەسىدە نامزات نامزاتى بولغان «ئايلا» فىلىمىنىڭ كورېيەلىك ئۆسمۈر ئارتىسى كىم سېئۇل ، «ئۇرۇش چىقماسلىقى ئۈچۈن، دۇنيادىكى بارلىق تانكىلارنى ھېچكىم كۆرمەيدىغان بىر يەرگە يوشۇرۇپ قويۇشنى خالايمەن» دېدى.

ئانتاكيادىكى بىر سودا مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن فىلىمنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىدە، فىلىمنىڭ رېژىسسورى جان ئۇلكاي، فىلىم ئىشلىگۈچى مۇستافا ئۇسلۇ ۋە ئارتىسلىرى كۆرۈرمەنلەر بىلەن دىدارلاشتى.

پائالىيەتتە، تۈركىيە ئەسكەرلىرى تېپىۋېلىپ «ئايلا» دەپ ئىسىم قويۇپ باققان كورېيەلىك ئېئۇنجا كىم، فىلىمغا فىلىم ئىشلىگۈچى ۋە ئارتىسلارنىڭ نۇرغۇن ئەمگەك سىڭدۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

فىلىمنىڭ پۈتكۈل دۇنيادا كۆرۈلۈشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن كىم، «بۇ فىلىمنىڭ پۈتكۈل دۇنيادا كۆرۈلۈشىنى، بۇ فىلىمنىڭ دۇنيادا قويۇلۇشى بىلەن بىرلىكتە، دۇنيادا ئۇرۇشلارنىڭ بولماسلىقىنى، ھېچبىر بالىنىڭ يالغۇز قالماسلىقىنى ۋە پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ بەختىيار بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر