ت ر ت ۋورلد ئادەم بەدەن ئەزالىرى سودىسىنى ئاشكارىلىدى

ت ر ت ۋورلد (TRT World) قانىلىدا قويۇلغان «Off the Grid» ناملىق قىسىملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ «سۈرىيە يولىدىكى جىمجىت ئۆلۈم» دېگەن بۆلۈمى، ئوتتۇرا شەرقتە ئاشكارىلانغان قانۇنسىز ۋە ئىنسانىيەتكە خىلاپ ئادەم بەدەن ئەزالىرى سودىسىنى پاش قىلىدۇ.

843714
ت ر ت ۋورلد ئادەم بەدەن ئەزالىرى سودىسىنى ئاشكارىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ت ر ت ۋورلد قانىلىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى ئادەم بەدەن ئەزالىرى سودىسى ھەققىدە ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى. مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، «Off the Grid» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تۇرمۇش قىيىنچىلىقلىرى ئاستىدا ئىزىلگەن بىچارە كىشىلەرنىڭ ھېكايىلىرىنى داۋاملىق ئېكراندا كۆرستىدىكەن. فىلىمنىڭ «سۈرىيە يولىدىكى جىمجىت ئۆلۈم» دېگەن ئادەم بەدەن ئەزالىرى ئەتكەسچىلىكى پاش قىلىنغان بۆلۈمى 11-نويابىر (شەنبە) ئەنقەرە ۋاقتى 12:15 تە ت ر ت ۋورلد قانىلىدا قويۇلىدىكەن.

فىلىمنىڭ رېژىسسورى، ئەرەب دۇنياسىدا تونۇلغان ژۇرنالىستلىرىدىن مۇھسىن ئەننائىمى ۋە ت ر ت ۋورلد قانىلىنىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىلىرىدىن ئالېكساندىرا پاۋلىياتنىڭ ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ ئىشلىشى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان بۇ ھۆججەتلىك فىلىمدە، سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ لىۋاندىكى كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقان تۇرمۇش ئەھۋالىمۇ ئېكراندا ئەكس ئېتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر