باش مىنىستىر يىلدىرىم ھىجىرىيە يېڭى يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇچۇر تارقاتتى

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، ھىجرىيە يېڭى يىلىنىڭ باشلىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق ئۇچۇر تارقاتتى.

811483
باش مىنىستىر يىلدىرىم ھىجىرىيە يېڭى يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇچۇر تارقاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر يىلدىرىم سۇلتان ئەھمەد جامەسىنىڭ سۈرىتى بىلەن بىرلىكتە تارقاتقان مەزكۇر ئۇچۇرىدا، «رەھمەت پەيغەمبىرى ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ ھەم دۇنيا ھەم ئىسلام تارىخىغا چىراغ تۇتقان ھىجرىتى، مەنىۋى نىجاتلىقىمىزغا ۋاسىتە بولىدىغان مۇستەسنا بىر سەپەردۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئۇچۇرىدا، «ھىجرىيەنىڭ يىل بېشى، دەپ قوبۇل قىلىنىۋاتقان بۇ مۇبارەك كۈننىڭ، باشتا مۇسۇلمانلار رايونلىرى بولۇپ ئىنسانىيەتكە ياخشىلىق ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

ھىجرىيە كالېندارى ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشىنىڭ باشلىنىشى ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر