106 ياشلىق بىر موماينىڭ پاناھلىق ئىلتىماسى رەت قىلىنغان

ئافغانىستانلىق 106 ياشلىق بىبىھال ئۆزبېك ياۋروپا سەپىرىدىن كېيىن، شىۋېتسىيەدە پاناھلىق تىلىدى، بىراق پاناھلىق ئىلتىماسى رەت قىلىندى.

801137
106 ياشلىق بىر موماينىڭ پاناھلىق ئىلتىماسى رەت قىلىنغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستانلىق بىبىھال ئۆزبېك ئوغلى ۋە نەۋرىسى بىلەن شىۋېتسىيەدە پاناھلىق تىلىگەن. بىبىھال ئۆزبېكنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى ئەمەس بولۇپ، ناھايىتى تەستە گەپ قىلالايدىكەن. ئۇ ئوغلى ۋە نەۋرىسى بىلەن شىۋېتسىيەگە كەلگەندىن كېيىن، پاناھلىق تىلەپ ئىلتىماس سۇنغان ۋە ئىلتىماسى رەت قىلىنغاندىن كېيىن نارازىلىق بىلدۈرگەن.

شىۋېتسىيە كۆچ ئىدارىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا دېيىلىشىچە، ياشنىڭ چوڭ بولۇشى پاناھلىق تىلەش ئۈچۈن يېتەرلىك سەۋەب بولالمايدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر