باش مىنىستىر يىلدىرىم زەپەر بايرىمىنى تەبرىكلىدى

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم 30 – ئاۋغۇست زەپەر بايرىمىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى.

798726
باش مىنىستىر يىلدىرىم زەپەر بايرىمىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىلدىرىم بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىگە خىرىس قىلغان كۈچلەرنىڭ ھەرگىزمۇ مەقسىتىگە يېتەلمەيدغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «1922 – يىلى 30 – ئاۋغۇست مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزنى زەپەر بىلەن تاجلاندۇرغان تارىختۇر. خەلقىمىز باش قوماندانلىق مەيدان ئۇرۇشىدا ئەڭ مۇشەققەتلىك پەيتلەردىمۇ كۈرەش قىلىشتىن قىلچە ئايانمايدىغانلىقىنى، ۋەتىنى، بايرىقى ۋە ئەركىنلىكىنى جان تىكىپ قوغدايدىغانلىقىنى پۈتكۈل جاھانغا كۆرسىتىپ قويدى. ئۆز ۋاقتىدا دۆلىتىمىزنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغانلار خەلقىمىزنىڭ مىسلىسىز كۈرىشى ئالدىدا چارىسىز قالغانىدى، ھازىرمۇ ھەم شۇنداق.»

باش مىنىستىر سۆزلىرىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «بۈگۈنكى كۈندە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا باياشاتلىق ۋە ھۇزۇر مۇھىتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقىمىز بىلەن بىرلىكتە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، مۇستەقىللىقىمىز، جۇمھۇرىيىتىمىز ۋە دېموكراتىيەمىزگە تەھدىت سېلىۋاتقان يامان نىيەتلىك كۈچلەرگە قارشى ھارمال – تالماي كۈرەش قىلىۋاتىمىز. ھەممە شۇنىڭغا قەتئىي ئىشەنسۇن ۋە خاتىرجەم بولسۇنكى، دۆلىتىمىزنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىگە خىرىس قىلىۋاتقان، مەملىكىتىمىزنى ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشلىرى ۋە تېررورلۇق ھۇجۇملىرى بىلەن ئاجىزلىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان كۈچلەر دۆلىتىمىزنىڭ قەتئىي ئىرادىسى ۋە قۇدرىتى ئالدىدا ھەرگىزمۇ مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ، دۆلىتىمىز ھەم خەلقىمىزنىڭ بىر گەۋدىلىكى ئالدىدا چوقۇم مەغلۇب بولىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر