تۈركىيەنىڭ بىر كىنو فىلىمى ئوسكار مۇكاپاتىغا كۆرسىتىلدى

تۈركىيەدە ئىشلەنگەن بىر كىنو-فىلىم 17يەتتە كىشىلىك كېڭەشنىڭ باھالىشى نەتىجىسىدە، ئوسكار مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى چەت ئەل فىلىملىرى تۈرىگە كۆرسىتىلدى.

796316
تۈركىيەنىڭ بىر كىنو فىلىمى ئوسكار مۇكاپاتىغا كۆرسىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەنئەت پائالىيەتلىرى كومىتېتىنىڭ ئېلان قىلغان مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بىلەن كىنو-فىلىم ساھەسىدىكى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەشكىللەنگەن 17 كىشىلىك كېڭەش، ئامېرىكادا ئۆتكۈزۈلىدىغان 89-نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى چەت ئەل فىلىملىرى تۈرىگە، تۈركىيەدىن كۆرسىتىلىدىغان فىلىم بېكىتىلدى.

كېڭەش ئىلتىماس سۇنغان 13 فىلىم ئۈستىدە باھالاش ئېلىپ باردى، نەتىجىدە ئۇلكاينىڭ «ئايلا» فىلىمى ئوسكارغا كۆرسىتىلدى.

كىنو ئارتىسى چەتىن تەكىندور، ئىسمائىل ھاجىئوغلۇ ۋە لى كيۇڭ جىن رول ئالغان فىلىمدە، كورېيە ئۇرۇشىدا يۈز بەرگەن درامماتىكىلىق ھېكايە مەزمۇن قىلىنىدۇ.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر