خەلقئارا فوتو-سۈرەت كۆرگەزمىسىگە تۈرك سەنئەتچىلەرمۇ ئىشتىراك قىلىدۇ
بۇ يىل 7-نۆۋەتلىكى ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارا فوتو-سۈرەت كۆرگەزمىسىگە تۈرك سەنئەتچىلەرمۇ ئىشتىراك قىلىدۇç
793768
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ فوتو-سۈرەت گۆرگەزمىلىرىدىن بولغان « دالى خەلقئارا فوتو-سۈرەت كۆرگەزمىسى»گە تۇنجى قېتىم تۈرك سەنئەتچىلەر تەكلىپ قىلىندى.
فوتو-سۈرەت سەنئەتچىسى جوشار قۇلاكسىز بۇ يىل 7-نۆۋەتلىكى ئۆتكۈزۈلىدىغان فوتو-سۈرەت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلماقتا.
بۇ قېتىمقى فوتو-سۈرەت كۆرگەزمىسىدە 500 بۆلۈمخانا ئېچىلىدىغان بولۇپ، كۆرگەزمە 19-ئاۋغۇستتىن 24-ئاۋغۇستقىچە داۋاملىشىدۇ.
كۆرگەزمىگە ئا.ھالىم كۇلاكسىز، ئەھمەت ئەلھان ۋە مۇرات گەرمەننىڭ بىر-بىرىنى پەلسەپە نۇقتىدىن تاماملايدىغان ئوخشىمىغان 3 ئەسىرى تۈركىيەگە ۋەكالىتەن قاتناشتۇرۇلىدۇ.