پاكىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 70-يىللىقىنى تەبرىكلىدى

پاكىستاننىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 70-يىللىقى ئەنقەرەدىكى پاكىستان ئەلچىخانىسىدىمۇ ھەر خىل پائالىيەت ۋە مۇراسىم بىلەن تەبرىكلەندى.

789612
پاكىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 70-يىللىقىنى تەبرىكلىدى
pakistan bagimsizlik.jpg
pakistan bagimsizlik gunu.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاننىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى سەييىد ئەلى ئەسەد گېلانى: «تۈركىيە پاكىستاننىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 70-يىللىقىنى تەبرىكلىگەن بۈگۈنكى كۈندە، پاكىستانلىق قېرىنداشلىرى بىلەن مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلماقتا» دېدى.

پاكىستان ئەلچىخانىسىنىڭ ئەنقەرەدىكى باش مەسلىھەتچىسى سەييىد ئەلى ئەسەد گېلانى پاكىستاننىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 70-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ تۈركىيەدىكى پاكىستانلىقلار بولۇش سۈپىتىدە قېرىنداش دۆلەت تۈركىيە بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى دوستانە مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىزچىل تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئەنقەرەدىكى پاكىستان ئەلچىخانىسىدا، پاكىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 70-يىللىقى بايراق چىقىرىش بىلەن باشلاندى. پاكىستان 1947-يىلى 14-ئاۋغۇست مۇستەقىل بولغان ئىدى.

گېلانى ت ر ت ۋە ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «پاكىستان خەلقى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، 1947-يىلى قولغا كەلتۈرگەن مۇستەقىللىقىمىزنىڭ 70-يىللىقىنى تەبرىكلىگەنلىكىمىزدىن ئۆزىمىزنى خۇشال ھېس قىلىمىز. بۈگۈن پاكىستان خەلقى ھەمدە تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پاكىستاننىڭ پۈتكۈل دۇنيادىكى دوستلىرى ئۈچۈن خۇشاللىق كۈنىدۇر، بىز پاكىستاننىڭ بۈگۈنگىچە قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىيات ۋە پاراۋانلىقىدىن ئۆزىمىزنى شەرەپلىك ھېس قىلىمىز» دېدى.

پاكىستانىڭ مۇستەقىللىق كۈنىنىڭ تۈركىيەدە تەبرىكلەۋاتقانلىقلىرىدىن ئىنتايىن خۇشال ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەن گېلانى، پاكىستاندىكى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدە ئۇچۇش ماھارىتى كۆرسىتىدىغان تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سولوتۈرك (SOLOTÜRK) ئەترىتىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

گېلانى مۇراسىمدا پاكىستاننىڭ مۇستەقىللىقى توغرىسىدا ئۇردۇچە نۇتۇق سۆزلىدى، پاكىستانلىق ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىل تاپقان خور ئۆمىكى ناخشا ئېيتتى.

ئاخىرىدا، گېلانى ئۈستىگە پاكىستاننىڭ بايرىقى چۈشۈرۈلگەن تورتنى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە پارچىلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر