تۈرك رېژىسسور «ئەڭ ياخشى رېژىسسور مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى

رۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن موسكۋا كىنو – فىلىم بايرىمىنىڭ «ئەڭ ياخشى رېژىسسور مۇكاپاتى» تۈرك رېژىسسور فىكرەت رەيھانغا بېرىلدى.

761893
تۈرك رېژىسسور «ئەڭ ياخشى رېژىسسور مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىكرەت رەيھاننىڭ «سېرىق ئىسسىق» ناملىق فىلىمى، 39 – نۆۋەتلىك موسكۋا كىنو – فىلىم بايرىمىدا «ئەڭ ياخشى رېژىسسور» مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى.

مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدىن كېيىن ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان فىكرەت رەيھان تەسىراتىنى بايان قىلىپ، «ناھايىتى ياخشى بىر پائالىيەت بولدى. تۈركىيەگە ۋەكىللىك قىلغانلىقىمدىن خۇشالمەن. فىلىم توغرىسىدىكى تەسىراتلارنى ئاڭلىغانىدۇق، بىراق (مۇكاپات ئېلىش) بىز ئۈچۈنمۇ ھەيران قالارلىق ئىش بولدى» دېدى.

رۇسىيە تىياتىر زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا، ئەڭ ياخشى فىلىم مۇكاپاتى خىتايدا ئىشلەنگەن «سەجدە قۇش» ناملىق فىلىمغا؛ باھالىغۇچىلار ئالاھىدە مۇكاپاتى رۇسىيەدە ئىشلەنگەن «تەگسىز سومكا» ناملىق فىلىمغا بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر