چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ياشلار ئۈچۈن يازلىق لاگېر ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ

چەت ئەلدە ياشايدىغان تۈركىيە ياشلىرى ئۈچۈن ئانا ۋەتىنىگە بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە، 29-ئىيۇندىن 20-سېنتەبىرگىچە تۈركىيەدە يازلىق لاگېر پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

742398
چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ياشلار ئۈچۈن يازلىق لاگېر ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش خەلقلەر ئىدارىسى (YTB)، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ھەمكارلىقى ئاستىدا چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ياشلارنى تۈركىيەدە ئۆز ئارا ئۇچراشتۇرىدىغان يازلىق لاگېر پائالىيىتى ئۈچۈن ئىلتىماس قوبۇل قىلىش 9-ئىيۇنغىچە داۋاملىشىدۇ.

 چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش خەلقلەر ئىدارىسىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، چەت ئەلدە ياشاۋاتقان 18 دىن 22 ياشقىچە بولغان تۈركىيە پۇقراسى ياكى يېشىل كارت ئالغان ياشلار ئۈچۈن تەنتەربىيە مىنىستىرلىقىدا ئالاھىدە ئورۇن تەييارلاندى.

ئانتاليا، بولۇ، قىرشەھىر، ترابزون، توكات ۋە كاستامونودىكى بەلگىلەنگەن جايلاردا ئېلىپ بېرىلىدىغان يازلىق لاگېر پائالىيەتلىرى، 29-ئىيۇندىن 20-سېنتەبىرگىچە قىزلار ۋە ئوغۇللار دەپ ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىلغان ھالدا يەتتە كۈنلۈك مۇددەت بويىچە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. لاگېرغا قاتناشقان ياشلارنىڭ ياتاق ۋە يېمەك-ئىچمەك مەسىلىسىنى تەنتەربىيە مىنىستىرلىقى ھەقسىز ئۈستىگە ئالىدۇ. چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش خەلقلەر ئىدارىسى ياشلارنىڭ تۈركىيەگە كېلىپ-كېتىش چىقىمىنى دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن بەلگىلەنگەن مىقداردا ئۈستىگە ئالىدۇ.

لاگېرغا قاتناشقان ياشلار ئوقيا ئېتىش، تاغقا يامىشىش، گولف توپ، تاغ ۋېلىسپىتى قاتارلىق ھەر خىل تەنتەربىيە ۋە مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىدۇ.

چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ياشلارنىڭ ئانا ۋەتىنىگە بولغان سۆيگۈسىنى كۈچەيتىش، تارىخىي ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئۆز جايىدا كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان يازلىق لاگېر پائالىيىتىگە قاتنىشىشنى خالايدىغانلار www.ytb.gov.tr/genclikkamplari ئادرېسى ئارقىلىق ئىلتىماس سۇنالايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر