بۈگۈن 1-ماي خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى

بۈگۈن مەملىكەت مىقياسىدا 1-ماي خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ۋە پارتىيەلەرنىڭ قاتنىشىشىدا ھەر خىل پائالىيەتلەر بىلەن تەبرىكلەنمەكتە.

723502
بۈگۈن 1-ماي خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇل باكىركۆيدە، تۈركىيە ئىنقىلابچى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، تۈركىيە مىمار-ئىنژېنېرلار بىرلەشمىسى، بەزى پارتىيە ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار 1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى. ئىستانبۇلدا بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن، جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاش ئۈچۈن 30 مىڭدىن ئارتۇق ساقچى ۋەزىپە ئۆتىدى. بۇ دائىرىدە، بەزى پاراخوت قاتنىشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى ۋە بەزى يوللارمۇ قاتناشقا توسۇۋېتىلدى.

دۆلىتىمىز رەھبەرلىرى 1-ماي خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىلىرىنى ئېلان قىلدى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 1-ماينىڭ تىنچلىق ۋە ئۆزئارا قېرىنداشلىق ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتكەن، ئىغۋاگەرچىلىكتىن يىراق بولغان بايرام ھاۋاسىدا تەبرىكلىنىش ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم تەبرىك تېلېگراممىسىدا: «خىزمەت ھاياتىدىكى مەسىلىلەرنىڭ دىيالوگ ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىق ئارقىلىق ھەل قىلىنىشى نەتىجىسىدە، دۆلىتىمىزدىكى دېموكراتىك ئىشەنچ ۋە مۇقىملىق ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىغا چىن قەلبىمدىن ئىشىنىمەن» دېدى.

مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇشمۇ تەبرىك تېلېگراممىسى ئېلان قىلدى. ئۇ مەنىلىك كۈننىڭ ئىجتىمائىي تىنچلىقنىڭ كۈچىيىشىگە ۋەسىلە بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ 1-ماينىڭ خاتىرجەملىك ۋە ئىشەنچ ئىچىدە تەبرىكلىنىشى ئۈچۈن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بارلىق ئورگانلىرى بىلەن ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي بىخەتەرلىك مىنىستىرى مەھمەت مۈئەززىنئوغلۇ تېلېگراممىسىدا: «ئادالەتلىك، كەڭ دائىرىلىك، مۇرەسسەچى ۋە ئىلھاملاندۇرغۇچى بولۇش نۇقتىئينەزەر ئارقىلىق ئەمگەكچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پىشانىسىدىن ئاققان تەرىنى قوغداش، ئۇيۇشما ھەرىكەتلىرىنىڭ قوللىغۇچىسى بولۇش يولىدا، قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلەيمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر