مەھمەت ئاكىف ئەرسوي ئېيتقان ۋەز-نەسىھەتلەرنىڭ لېنتىلىرى تېپىلىش ئالدىدا

ئىستىقلال مارشىنىڭ ئاپتورى مەھمەت ئاكىف ئەرسوينىڭ نەۋرىسى سەلما ئارگون چوڭ دادىسى گېرمانىيەدە ياشىغان ۋاقتىدا ھىندىستانلىق مۇسۇلمانلارغا ئېيتقان ۋەز-نەسىھەتلىرىنىڭ ئاۋازلىق لېنتىسىنى تېپىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

720108
مەھمەت ئاكىف ئەرسوي ئېيتقان ۋەز-نەسىھەتلەرنىڭ لېنتىلىرى تېپىلىش ئالدىدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەھمەت ئاكىف ئەرسوينىڭ نەۋرىسى سەلما ئارگون چوڭ دادىسى گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدە چارۋا دوختۇرلۇق كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتىدا، ھىندىستانلىق مۇسۇلمانلارغا ئېيتقان ۋەز-نەسىھەتلەرنىڭ ئاۋاز لېنتىلىرىنىڭ بارلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ چوڭ دادىسىنىڭ ھىندىستانلىق مۇسۇلمانلارغا ۋەز ئېيتىش ئۈچۈن تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ ئاۋاز لېنتىلىرىنىڭ قەيەردە ساقلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇندۇق» دېدى.

ئۇ بۇندىن بەش ئاي بۇرۇن لېنتىلارنى تۈركىيەنىڭ بېرلىندىكى كونسۇلخانىسىدىن ئىزدىگەنلىكىنى، بىراق تاپالمىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى. ئۇ: «ئوسمانلىچە ۋە ئەرەبچىنى پىششىق بىلىدىغانلارغا ئېھتىياجىمىز بار. گېرمانىيەدە ئارخىپلاردىن ماتېرىيال ئىزدىيەلەيدىغان نېمىسچە ۋە ئوسمانلىچە بىلىدىغان كىشىلەر جەزمەن بار. بەزى مەنبەلەردىن ئاۋاز لېنتىلىرىنى تاپالايدىغانلىقىمىزغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇپ ئېلىۋاتىمىز. ئەگەر بۇ ئىش ئەمەلگە ئاشسا، خەلق بولۇش، بولۇپمۇ مەن مەھمەت ئاكىف ئەرسوينىڭ نەۋرىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىنتايىن خۇشال بولغان بولاتتىم. چوڭ دادامنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشنى بەكمۇ خالايمەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، چوڭ دادام ناھايىتى ھاياجانلىق ۋەز ئېيتىدىكەنتۇق، نۇتقى ناھايىتى راۋان بولۇپ، ۋەز ئېيتقاندا، ئاۋازى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەنتۇق» دېدى.

سەلما ئارگون چوڭ دادىسىنىڭ گېرمانىيەدە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا توختىماي دۆلىتىنىڭ مەسىلىلىرىنى ئويلاپ تۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر